UyghurMain Dictionary
تاختىپەر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
شاھ، خانلارنى قارشى ئېلىش، دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ياسىغان سەھنە ۋە شۇ سەھنىدىكى تەخت شەكىللىك ئورۇندۇق.
تاختىپەردە ئولتۇرماق، تاختىپەرگە چىقماق.
كۈندىلىك گېزىت، ئېلان، ئۇقتۇرۇش قاتارلىقلارنى چاپلاش ئۈچۈن، تاختايدىغان ياسالغان جاھازا.
يىغىلىپتۇ قانچە ئادەم تاختىپەرنىڭ ئالدىغا، ئاستا كەلدىم يېنىغا، ئۆزۈمنى ئالدىم دالدىغا.
دارۋاز باغلىغان دارنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تاختايدىغان ياسالغان ئورۇندۇق.
دارۋاز تاختىپەرگە چىقىپ بىردەم تۇردى - دە، ئاندىن دار ئۈستىدە موللاق ئېتىشقا باشلىدى.
<بىن> بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا تامچىلارنىڭ ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان جاھاز.