UyghurMain Dictionary
تاختا
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تاختا - پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، مەيدان (يۈز) بىرلىكى بولۇپ كەلگەندە، ئادەتتە چاسا شەكىلدىكى ئېتىز، قەغەز، قوغۇن - تاۋۇزلۇقلاردىكى ئىككى چۆنەك ئارىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە مۇقىم ئۆلچىمى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان قەغەزنىڭ بىر تارختىسى 420 × 460 مىللىمېتىر كۆلەمدە بولىدۇ. ھازىر زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان قەغەزلەرنىڭ كۆلىمى ئىككى خىل بولۇپ، چوڭىنىڭ بىر تاختىسى 850 × 1168 مىللىمېتىر، كىچىكىنىڭ 787 × 1092 مىللىمېتر ئۆلچەمدە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دەرەخ غولىدىن ئۇزۇنىسىغا تىلىنغان يېسسى ياغاچ؛ شال.
قارىغاي تاختا * تاختا كۆۋرۈك.
خېمىر يېيىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن، ياپىلاق شال، ئاشتاختا.
ئاشنى تاختىغا ئالغۇچە چاپاننى پاختىغا ئالغۇچە (ماقال).
ھەرخىل چوڭلۇقتىكى تۆت بۇرجەك، يۈزى تەكشى نەرسىلەر.
بالام، قارىچاينىڭ كىچىك تاختىسى بولسا شۇنىڭدىن ئال.
قوغۇن ئېتىزىنىڭ پېلەك ئۆسۈپ، قوغۇن چۈشىدىغان جايى.
ھەرخىل تۈردىكى قوغۇننىڭ چۆنەك، تاختىلىرى ئايرىم ئىدى.
كونا مەكتەپلەردە بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۈستىگە ھەرپ يېزىلغان، سىلىق ۋە كىچىك تۇتقۇچلۇق تاختاي.
ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر تاختا قەغەز، بىر تاختا چاي.