UyghurMain Dictionary
تاشقى تورمۇزلىنىش
پسىخولوگىيە
بۇ شەرتسىز تورمۇزلىنىشنىڭ بىر خىل بولۇپ، ۋاسىتىلىك تورمۇزلىنىش ياكى پاسسىپ تورمۇزلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تورمۇزلىنىش ئورگانىزم ئادەتتىكىدىن تاشقىرى غىدىقلانغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا يېڭى قوزغىلىش مەركىزى پەيدا بولۇشى بىلەن مەنپىي ئىندۇكسىيە قانۇنى بويىچە ئىلگىرىكى شەرتلىك رېفلېكسىنىڭ تورمۇزلىنىپ قېلىشىدىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ھاسىل بولغان تورمۇزلىنىش تاشقى تورمۇزلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن : تەجرىبىخانىدا ئىت ئۈستىدە تەجرىبە قىلىۋاتقاندا، ئەگەر سىرتتىن بىر كىشى كىرسە، ئىت دەرھال بېشىنى بۇراپ ئىشىك تەرەپ بىلەن ھېلىقى ئادەمگە قارايدۇ. مۇنداق رېئاكسىيە (ئىنكاس) ئىزدىنىش رېفلېكسى ياكى يۆنىلىش رېفلېكسى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ شەرتلىك رېفلېكس مىقدارى ئازىيىدۇ ياكى پۈتۈنلەي توختايدۇ. تاشقى تورمۇزلىنىش ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە : ئۇنىڭ بىرى، شەرتسىزلىك. ئۇنى مەشىق قىلىپ تىكلەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت مۇۋاپىق دەرىجىدە يات غىدىقلىغۇچ پەيدا بولسىلا دەرھال تورمۇزلىنىش يۈز بېرىدۇ ھەمدە دائىم ئىزدىنىش رېفلېكسىغا ئەگىشىپ كېلىدۇ. يەنە بىرى، ۋاقىتلىق بولۇش، يات غىدىقلاش تەكرارلىنىۋەرسە تاشقى تورمۇزلىنىش ئاستا - ئاستا ئاجىزلاپ ئەڭ ئاخىر يوقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەت ئامىلىغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان ئىزدىنىش رېفلېكسىمۇ ئاستا - ئاستا غۇۋالىشىدۇ. دېمەك، تەجرىبە قىلىنىدىغان ھايۋانلار يات تەسىرگە ئادەتلىنىپ قالىدۇ.