UyghurMain Dictionary
تاشقىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ھۆل - يېغىندىن ياكى قار ئېرىشتىن ھاسىل بولغان كۈچلۈك سۇ ئېقىمى.
تەۋرىگەن ئەلدىن قورق، يامرىغان سەلدىن قورق. قىيان ئۈنسىز ئۇرۇش، تىلسىز جەڭ. تاشقىن كېتەر، تاش قالار. چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسىدا تامچىمۇ تاشقىن. كەلكۈندە لاي سۇ ئىچەرسەن. كەلكۈن سۇ _ يىرتقۇچ ھايۋان. جاھاننى توپان باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قاتتىق يامغۇر ياكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىشى بىلەن كۆپىيىپ ئۆز قىنىدىن تېشىپ كەتكەن سۇ.
تاشقىن كەلمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تېشىش ھالىتىدە تۇرغان، جۇشقۇن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
سۇ تاشقىنى (بۇ يەردىمۇ سۇ ئۇلۇغلانغان)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تېشىش ھالىتىدە تۇرغان، جۇشقۇنلۇققا تولغان ئوغۇل. باشقا شەكىللىرى: تاشقىنباي، تاشقىنبەگ.