UyghurMain Dictionary
تاشلا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تاشلىماق، تاشلاش. 1 . ئاتماق، چۆرىمەك.
تورغا توپ تاشلىماق. * بومبا تاشلىماق. * ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىماق.
2 . تەرك ئەتمەك، توختاتماق. تاماكا تاشلىماق، ھاراقنى تاشلىماق. * ئىش تاشلىماق، دەرس تاشلىماق. * خام خىيالنى تاشلىماق، يۇرتىنى تاشلىماق. * قىشلىق چاپاننى تاشلىماق.
3 . قالدۇرۇپ قويماق، قويۇپ كەتمەك.
كېلىشمەيدۇ ئەسلا ئادەم زاتىغا،
يىقىلغاننى تاشلاپ، مىنسە ئېتىغا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل(«تاش Ⅱ نىڭ 2 -» گە پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچە «لا» قوشۇلغان).
تاشلىماق، تاشلاش. تاشلىق بېكىتمەك، قاپلىماق.
يوتقاننى تاشلىماق، كىتابنى تاشلىماق. * جۇۋا تاشلىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
جەريان باغلامچىسى. 1 . ئىسىملىك سۆزلەرنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
بالا تاشلىماق. * سايە تاشلىماق.
«پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، «ئەت، ۋەت» گە ئوخشاش تۈس ياسايدۇ: 1( قىرىپ تاشلىماق، چۆرۈپ تاشلىماق. 2) كۈلۈپ تاشلىماق، يىغلاپ تاشلىماق.