UyghurMain Dictionary
تاشكەنت قوزغىلىڭى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ تاشكەنتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى بولۇپ، بۇ قوزغىلاڭ <خولېرا پاراكەندىچىلىكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1892 - يىلى تاشكەنتتە خولېرا تارقالدى. مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولدى. خولېرانىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى دوختۇرلارغا ئاھالىنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەر رايونىدىن يىراق جايدا مىيىت ئۇزىتىشنى بەلگىلىدى. بۇ ئىش قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ، قوزغىلاڭغا سەۋەب بولدى. كونا رايوندىكى كاسىپلار يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيىسى ۋە تسەۋۋۇپچى ئىمامنىڭ رەھبەرلىكىدە، تاشكەنت گارنىزونىنىڭ قوماندانى پۇدنىزېۋنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى پىلانلاپ، گارنىزون قوماندانلىق شتابىغا ۋە كونا شەھەر رايونىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى مۇھەممەد ياقۇبنىڭ قەسىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. كېيىن قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، 22 نەپەر تايانچ قولغا ئېلىندى.