UyghurMain Dictionary
تارىماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
چاچماق، سەپمەك؛ دارىماق؛ پەيدا بولماق:
فىسىق تۇخمىن نەفس ئارا ئۇلكىم تارىر،
سۇۋ ئارا ھەر غۇتەكىم، ئۇردى ئارىر.
نەۋايى.
تارىپ تۇخمى كىننى بولۇپ يانە غەش،
مېنى ئۆلتۈرەرگگ قىلىپدۇر كەڭەش.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① يەر ئاغدۇرماق؛ ②ئاشلىق تېرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تارغاق ياكى شۇ خىلدىكى نەرسە بىلەن چاچ، ساقال ۋە شۇ قاتارلىقنىڭ چىگىكىنى يەشمەك؛ تالمۇتال، دانىمۇدانە قىلماق، تەكشىلىمەك.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن (ماقال.)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
توپتىن ئايرىلماق؛ چېچىلماق، تارقىماق.
مەشرەپتىن يانغان كىشىلەر ئۆي - ئۆيلىرىگە تارىماقتا ئىدى.
يېيىلماق، كېڭەيمەك، تارقالماق.
ئىشخانا ئىچىگە توخۇ گۆشى پۇرىقى تارىدى.
سىڭىشىپ كەتمەك، يوقالماق.
ئۇنىڭ مەسلىكىمۇ تاراپ، كاللىسى نورمال ئىشلەشكە باشلىدى.