UyghurMain Dictionary
تارىم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆل ۋە قۇملۇقلارغا قويۇلىدىغان دەريا تارماقلىرى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېگىنلەرگە (شاھزادىلەرگە)، ئافراسىياپ ئەۋلادىدىن بولغان خېنىملارغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ _ ئۇششاق بالىلىرىغا خاس بىر سۆز. خاقان ئوغۇللىرىدىن باشقىلار ھەر قانچە يۇقىرى مەرتىۋىدە بولسىمۇ، بۇ سۆز ئۇلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ. خان ئەۋلادىدىن بولغان ئاغچا - خېنىملارغا ئۇنۋان ئورنىدا « ئالتۇن تارىم» دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 514
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆل ۋە قۇملۇقلارغا قويۇلىدىغان دەريا تارماقلىرى (تارماق دەريا).
1 - 514
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تارىم.
ئۇيغۇرلار چېگرىسىدىكى « كۇچا _ كۇچا» دېگەن يەرنىڭ يېنىدىكى بىر جاي. بۇ يەر « ئۇسمى تارىم» مۇ دېيىلىدۇ. ئۇ يەردە ئاقىدىغان بىر دەريامۇ « تارىم» دېيىلىدۇ.
1 - 514
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ژۇرناللار
<تارىم> - ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرقىلىدۇ، <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ژۇرناللار ئىچىدە تەسىرى، ئورنى، تۆھپىسى ئالاھىدە چوڭ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە ئەڭ ئەجىر سىڭدۈرگەن ژۇرنال بولۇپ ھېسابلنىدۇ. بۇ ژۇرنال 1951 - يىل 8 - ئايدا < شنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان. ژۇرنالنىڭ نامى 1957 - يىلى <تارىم> غا ئۆزگەرتىلگەن، 1962 - يىلى يەنە <شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن، 1966 - يىلدىن 1971 - يىلغىچە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن بىر مەزگىل نەشردىن توختاپ قالغان، 1980 - يىلدىن تارتى يەنە <تارىم> دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنشقا باشلىغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا <تەڭرىم> دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئەتىۋارلىق مەلىكە، خانىشلارغا ئىسىم ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.