UyghurMain Dictionary
تارا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تارىماق، تاراش. تارقالماق، يېيىلماق، چېچىلماق، تارقىماق.
مېھمانلار تارىدى. * قويلار تاراپ كېتىپتۇ. مەستلىكى تاراپتۇ. * راك ئۆپكىنىڭ ھەممە يېرىگە تاراپتۇ. * سېسىق پۇراق بىر دەمدىلا ئۆيگە تارىدى. * تاز تارانغۇچە، توي تاراپتۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تارىماق، تاراش. چاچ، ساقالغا ئوخشاش تال - تال نەرسىنى چېگىشنى يېشىپ تال - تال قىلماق، تەكشىلىمەك.
چاچ تارىماق. * ساقال تارىماق. * تىۋىت تارىماق. * بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن (ماقال).