ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تەۋرىتىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان يىپى.
پەي تار، سىم تار.
تار ئېشىپ ناۋا چالسام،
يارىمنىڭ كۆڭلىنى ئالسام.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئېنى، ھەجمى، سىغىمچانلىقى چوڭ ئەمەس. ئانتونىمى: كەڭ.
تار يول، تار كوچا، تار ئۆي. * تار دائىرە، تار بۇلۇڭ. * ئىچى تارنىڭ گۆرى تار (ماقال). * تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇشت يە (ماقال). * ئۆتۈكۈڭ تار بولسا، جاھاننىڭ كەڭ بولغىنىدىن نېمە پايدا (ماقال). * قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار (ماقال).
Domain: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىپارىسچە
يىپ؛ ئارقان؛ تالا.
تار. سازنىڭ تارى:
چاچ، كىرپىك تالاسى:
2. ھەقىقەت ئەھلى تەئرىف ئەتمەيىن فەھم ئەيلەگەي بىردەك،
مۇغەننى ئەغەنۇن تارىنى نەچچە زىر - بەم چەكتى.
ئەرشى.
3. ھۇماگەر ئۇستىخانىم كۆرسە كىرپىك تارى دەپ باقماس،
قاچان ئالەمدە مۇنداغ ئېردى جىسمى نەتەۋان پەيدا.
ئەرشى.
8. ئىككى غۇنچەڭ ئېرمەس ئەي گۈلچىھرە تەڭ،
ئاغزىڭ ئەسىرۇ تار، كۆڭلۈك ئەسىرۇ كەڭ.
نەۋايى.
زۇلمۇ سىتەمنى زۇلفۇڭۇ كافىر كۆزۈڭگە ئۆگرەتىپ،
بۇ كەڭ جەھاننى سەن ماڭا بىر تار زىندان ئەيلەمە.
سەككاكى.
9. دەردىدىن چىقار جانىم، ھىجۇر ئارا يىقىلدىم كىم،
ئەنكەبۇتنىڭ تارى چىرماشىپ ئاياغىمغە.
مەھزۇن.
شام پىلىكى.
ئۈزۈش.
قاراڭغۇ. 7. ھەسەت، ئىچى تارلىق. بەسلەشمەك. 8. تار كەڭ نىڭ قارشىسى: 9. تور:
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تەۋرىتىشتىن ئاۋاز چىقىرىدىغان يىپى. ئىشلىتىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى ھەرخىل.
دۇتارنى چالالاملا، تارىنى باسالاملا، مەندەك بىر مۇساپىرنىڭ كۆڭلىنى ئالالاملا. ئىسكىرىپكىنىڭ سىمى ئۈزۈلدى، مۇزىكا چېلىش توختىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى تاغ ئىككى سۇنىڭ ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭ يەر.
تېغى ئېگىز بولسا، جىلغىسى چوڭقۇر بولىدۇ. جىرادىن ئۆتكۈچە جنىم چىقتى.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتار.
تار بولغان ھەر قانداق نەرسە. تار ئەۋ _ تار ئۆي. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
3 - 202
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىسال.
بىر نەچچە تۇلۇمغا يەل بېرىلىپ، ئاغزى باغلىنىدۇ. ئاندىن ئۇلار بىر - بىرىگە چېتىلىپ، سۇنىڭ ئۈستىدە سۇپىغا ئوخشاش بىر نەرسە ياسىلىدۇ. كېيىن بۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇپ سۇدىن ئۆتىدۇ. بۇ قومۇش ۋە شاخلاردىنمۇ ياسىلىدۇ.
ياباقۇ ۋە تاتار تىللىرىدا.
3 - 202
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى