UyghurMain Dictionary
تالاق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تال.
ئادەمنىڭ تېلى.
1 - 536
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەر ئۆز ئالدىغا خوتۇنى بىلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تالاق قىلغاندا خوتۇنىنىڭ رازى بولۇشى ھاجەتسىز، ھەتتا مەھكىمە شەرئىگە بارمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ تارىختا ئىسلام دۆلەتلىرىدە كەڭ ئومۇملاشقان نىكاھدىن ئاجرىشىش شەكلىدىن ئىبارەت. سۈننىي مەزھىپىنىڭ فىقھەسىدە تالاق سۈننەتكە لايىق ياخشى تالاق، سۈننەتكەن لايىق بولمايدىغان تالاق ۋە فاسىد تالاقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھاۋالە تالاق، ساقلاپ قالغان تالاق قاتارلىق ھەرخىل ئۆزگەرگەن شەكىللىرى بولىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ فىقھەسىدە <بىدئەت تالاق> (فاسىد تالاق) ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، پەقەت ئالدىنقى ئىككى تۈرى ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كونا ئادەت بويىچە ئايالغا نىسبەتەن ئەر تەرىپىدىن نىكاھنى بۇزۇش، ئاجرىشىپ كېتىش ھەققىدە ئېتىلغان سۆز.
خوتۇننى تالاق قىلماق.