UyghurMain Dictionary
تالاغا قارىماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئايالى تۇرۇپ باشقا ئايال بىلەن مۇناسىۋەتتە بولماق، باشقا ئايالغا ئىچ - پەش تارتىپ قالماق؛ ئاشنا تۇتماق: ئەزىمەتنىڭ مەندىن كۆڭلى سۇ ئىچىمىگەن يېرى بولغاچقا، تالاغا قارىغان، دەپ ئويلىدى گۈلئايشەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئايالى تۇرۇپ، باشقا ئايال بىلەن مۇناسىۋەتتە بولماق، باشقا ئايالغا ئىچ پەش تارتىپ قالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەبىئىي بولىدىغان ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈپ ئىشلەنگەن يىپسىمان ماددا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
غەربىي سامۇئانىڭ پۇل بىرلىكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇزۇن نەرسىلەرنىڭ ئوخشاش كەڭلىكتە بۆلۈنگەن ھەربىر پارچىسى.
پالاسنىڭ ھەربىر تالاسى.
تۇماق، دوپپا، شەپكە، دۇتار قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تەڭ بۆلۈنگەن ھەربىر بۆلىكى، پارچىسى.
تۇماقنىڭ تالاسى.