UyghurMain Dictionary
سۋېردروپ
دۇنيا تارىخى
(1816 - 1892). نورۋىگىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1884 - 1889) پارلامېنت ئەزاسى (1851 - 1889)، تۆۋەن پالاتا باشلىقى (1862 - 1869) ۋە پارلامېنت باشلىقى (1871 - 1881) بولغان. 1859 - يىلى ئىسلاھات جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ داھىيىسىگە ئايلانغان. 1884 - يىلى نورۋىگىيە لىبېراللار پارتىيىسى (يەنە بىر نامى سول قانات پارتىيە) نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭغا رەئىس بولغان. نورۋىگىيەنىڭ تۇنجى سول قانات ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە، ئىچكى كابېنت ئارقىلىق پارلامېنتقا جاۋابكار بولۇش قانۇنىنى ماقۇللاتقان؛ جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا زاسىداتېل ئۆمىكى تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ 1887 - يىلى ھەربىي خىزمەت ئۆتەش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 8881 - يىلىدىكى چوڭ سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ، ئىككىنچى يىلى تەختتىن چۈشۈرۈلگەن، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.