UyghurMain Dictionary
سۋىڭ ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
1830 - يىلى ئەنگلىيەدە پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك يېزا سىياسىي قوزغىلىڭى. ئۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋەيران قىلىشنى ئاساسىي مەزمون قىلغان بولۇپ، شەھەرلەردىكى لۇدد ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش. ئالدى بىلەن كېنت ۋىلايىتىدە پارتلىغان، ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىسىنىڭ مولوتېلكا ئىشلىتىپ، خامان تىپىشكە تايىنىپ جان باقىدىغان دېھقانلارغا ئېغىر تەھدىت سالغانلىقى تۇترۇق بولغان. 1830 - يىلى8 - ئايدا 400 دىن ئارتۇق دېھقان مولوتېلكىنى چېقىىپ، دېھقانچىلىق مەيدان ئىگىسىنىڭ خامىنىغا ئوت قويغان ھەمدە ئۆزىنىڭ <بۇ يىل خاماننى كۆيدۈرۈپ مولوتېلكىنى چاقىمىز؛ كېلەر يىلى دىنىي رايوننىڭ باشلىقىغا ھۇجۇم قىلىمىز؛ ئىندىنقى يىلى سياسەتۋازلارغا ھۇجۇم قىلىمىز> دېگەن ئىجتىمائىي پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە خەت شەكلىدە تارقاتقان، ئۇنىڭغا <كاپىتان سۋىڭ> دەپ ئىمزا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان.10، 11 - ئايلاردا غەربكە كېڭىيىپ، سوئۇسېكىس، سېرراي قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە تارقالغان. يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشقان ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى، ئوندىن بىر بېجىنى ۋە يەر ئىجارىسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت پۇختا تەشكىلىي ۋە رەھبەرلىكى بولمىغانلىقتىن، ئاخىرى باستۇرۋېتىلگەن.