UyghurMain Dictionary
سۇرىياۋارمان
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1050).چېنلا ئاڭكور خاندانلىقى پادىشاھى (1002 - 1050). ئېيتىلىشىچە مالاي يېرىم ئارىلى پادىشاھى تامبىرالىنگانىڭ ئوغلى بولۇپ ئاپىسىچىنلا جەمەتىدىن ئىكەن. 1001 - يىلى چىنلاغاكېلىپ پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىپ، 1002 -يىلى پادىشاھ بولغان. ئۇزاق ۋاقىت داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق 1011 - يىلى مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. شەرقتە كامپاپۇرا بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، غەربتە مىنام دەرياسى ۋادىلىرىغا قاراپ كېڭىيىپ دۋاراپاتى دۆلىتىنى ئىستېلا قىلغان، جەنۇبتا تەسىر كۈچىنى ھازىرقى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ لىگورغىچە كېڭەيتكەن؛ شىمالدا ھازىرقى لۇئاڭپىرا باڭغىچە كېڭەيتىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. مەشھۇر بولغان پادىشاھ ئوردىسى - پېمىناكا ئىبادەتخانىسى بىلەن مىياۋيۇچاجاۋ ئىبادەتخانىلىرىنى سالدۇرغان.