UyghurMain Dictionary
سۇلايمان جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ تۈركىيىدىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئىستامبولدا. بۇ مەسچىتنى مەشھۇر ئارخىتېكتور سىنان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى سۇلايمان Ⅰ غا لايىھىلەپ سالدۇرۇپ بەرگەن. تىپىك ئوسمانلى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. چوڭ زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېپىلغان گۈمبەزسىمان ئۆگزىنىڭ دىئامېتىرى 31 مېتىر بولۇپ، ئۇنى تۆت تال ھاسا تاش تۈۋرۈك ئۈستىدىكى ئاچىماق تۆت ئەگمە ئىشىك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چوڭ گۈمبەزنىڭ چۆرىسىگە يېرىم يۇمۇلاق ئۆگزىلەر ياسىلىپ، ئۆگزىنىڭ بۇلۇڭلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. چوڭ زالنىڭ چۆرىسىدە ئايلانما كارىدور بار. مېھراب ۋە ئارقا تام پرسچە ساپال بىلەن زىننەتلەنگەن. تورۇس چاق شەكلىدە يۇمۇلاق بېزەلگەن، ئۇ يەرگە سۈرىلەر ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلغان. پۈتۈن مەسچىتتە تۆت پەشتاق بار. بۇلارنىڭ ئىككىسىدە ئۈچتىن بالكون، قالغان ئىككىسىدە ئىككىدىن بالكون بولۇپ، جەمئىي ئون بالكون بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە، سۇلايمان Ⅰ ئوسمانلى تارىخىدىكى ئونىنچى سۇلتان بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق لايىھىلەپ سالدۇرغانىكەن.