UyghurMain Dictionary
سۇلايمان
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅸ ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەب سودىگىرى ۋە ساياھەتچىسى. ھىندىستان، جۇڭگو قاتارلىق جايلارنى كېزىپ چىققان. 185 - يىلى <شەرققە ساياھەت خاتىرىسى> ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ چىققان. 880 - يىلى ئەبۇزەيىد بۇنىڭ داۋامىنى ئاياغلاشتۇرغان. ئۇ <ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى> مەيدانغا كېلىشتىن ئاۋۋالقى يىراق شەرققە دائىر ئەڭ مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا ئوماندىن تارتىپ جۇڭگوغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى دېڭىز - ئوكيان ۋە ئاراللارنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي قەيت قىلىنغان. جۇڭگو، بولۇپمۇ گۇاڭجۇنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى،دىنى قاتارلىق ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختالغان.
دۇنيا تارىخى
(1494 - 1566) تۈرك سۇلتانى (1520 - 1566). لەقىمى <قانۇنچى>.سەلىم Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئۇ تەختتىكى مەزگىلدە،ئىچكى جەھەتتىن بىر يۈرۈش قانۇن - پەرمانلارنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي ئىشلار، مالىيە ۋە مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى ئىسلاھ قىلىپ، فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. سىرتقا قارىتا ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان. بۇ،ئىمپېرىيەنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1521 - يىلى بېلگرادنى بېسىۋالغان. 1522 - يىلى سانت جون رىتسارلار پولكى قولىدىن كىچىك ئاسىيا قىرغىقىدىكى رود ئارىلىنى تارتىۋالغان. 1526 - يىلى مۇھاچ جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋېنگرىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. 1529 - يىلى ۋېناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغان. شەرقتە ئىراندىكى سافى خاندانلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ غەربىي قىسمىدىكى زور كۆلەمدىكى زېمىنىنى بېسىۋالغان؛ شۇنىڭدەك ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەدەن ۋە يەمەن قاتارلىق جايلارنى تارتىۋالغان. دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا دەۋران سۈرگەن. شىمالىي ئافرىقىدا تىرىپولى، تۇنىس ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق جايلارنى ئىمپېرىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان. 1535 - يىلى تۇنىس مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئمپېراتورى چارلېس Ⅴ تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. 1536 - يىلى سۇلايمان فرانسيە كورۇلى فرانسىس Ⅰ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ چارلېس Ⅴ كە قارشى تۇرغان. 1565 - يىلى دېڭىز، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ مالتا ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق مەغلۇپ بولغان. 1655 - يىلى يەنە بىرقېتىم ۋېنگرىيىگەيۈرۈش قىلغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا ۋېنگرىيىنىڭ سىگېتىۋاردا ئۆلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.