UyghurMain Dictionary
سۇكات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاراق - شاراب قۇيغۇچى.
ساقچى بولساڭ، ساق بول. ئاياقچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمە.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۇكاتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن تېنى تۈكسىز، سىلىق، ئېگىزلىكى 50 - 100 سانتىمېتىر؛ يىلتىزى سەۋزىگە ئوخشايدۇ، بەزىدە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇزۇنىغا كېسىلگەن يۈزىدە بۇغۇم بوشلۇقى بولۇپ، ئالاھىدە كۈچلۈك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. غولى تىك، ئىچى كاۋاك بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى ئۇزۇن، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقىنىڭ سېپى قىسقا بولىدۇ؛ مۇرەككەپ پۆپۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ رەڭگى ئاق، جۈپ ئاسماق مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە، قىرلىق قاناتلىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
يازدا پۈتۈن چۆپىنى يۇلۇۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
تەمى قېرىقراق ئاچچىق، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، كۈچلۈك زەھەرلىك. قۇرت، قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
قۇرت، قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
سۇكاتنىڭ چۆپىنى توغراپ پاشا، چىۋىن قونىدىغان جايلارغا چېچىپ قويسا، پاشا، چىۋىنلەرنى قاچۇرىدۇ.
قۇرۇتۇلغان سۇكاتنى كۆيدۈرۈپ، ھويلا - ئاراملارغا ئىسرىق سالسا، پاشا قاچۇرىدۇ.
سۇكاتنىڭ چۆپىنى يېمەكلىك قويغان ئورۇننىڭ ئەتراپىغا ئېسىپ قويسا، يېمەكلىككە چىۋىن قونۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
پۈتۈن دۇنيادا كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى سۇكات ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن تەخمىنەن20 تۈر بولۇپ، شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ رايونىغا تارالغان. مەملىكىتىمىزدە پەقەت سۇكات بىرلا تۈر ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق سۇكاتتىن ئىبارەت بىرلا ئۆزگەرگەن تۈرى بار بولۇپ، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو رايونلىرىدىكى سازلىقلار ۋە سۇ بويلىرىغا ياكى ئېرىق بويلىرىغا تارالغان. شەكلى كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات سۇ كەرەپشىسىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاسانلا خاتالىشىپ يەپ قويۇپ زەھەرلىنىپ قالىدۇ.
سۇكات كۆپ يىللىق، يوغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى70 ~100 سانتىمېتىر، ئاساسىي غولى قىسقا. يىلتىزسىمان غولى بوغۇملۇق، قوڭۇر رەڭلىك. غولى يالغۇز ھەم تىك ئۆسىدۇ، يۇمىلاق كاناي شەكىللىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈچبۇرجەكسىمان تېمىنە شەكىللىك. مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى چوققىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈل رېتى سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .2 ~10 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇچىدا تەخمىنەن20 تال كىچىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى جايلىشىدۇ، ھەربىرى15 ~35 تال كىچىك، ئاق رەڭلىك گۈل چېچەكلەيدۇ، تۇخۇم شەكىللىك قوش ئاسماق مېۋە چۈشىدۇ، رەڭگى يېشىل بولۇپ، سېرىق رەڭلىك يىرىك قىرلىرى بار.
سۇكات تەركىبىدە سۇكات توكسىنى ۋە ئالكالوئىدلار (كۆپ خىل كونىئىن) بولىدۇ، يىلتىز، يىلتىزسىمان غول ھەم يەر ئۈستى قىسىمدىكى ئۆسۈملۈك تۈپلىرىنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك، يوپۇرماقلىرى ۋە پىشمىغان مېۋىلىرى تەركىبىدىكى زەھەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى.
سۇكاتنىڭ يىلتىزسىمان غولى خۇش پۇراقلىق، تاتلىق تەمى بار، كەسكەن جايدىن سېرىق رەڭلىك دەرەخ يېلىمسىمان سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا رەڭگى تۇتۇقلىشىدۇ، كىشىلەر مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن ئۇلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
لاتىنچە
بوتانىكا
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، ئىچى كاۋاك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن تېنى تۈكسىز، سىلىق زەھەرلىك. قۇرت - قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار يەپ قويسا، زەھەرلەپ قويىدۇ.