UyghurMain Dictionary
سۇيۇق كىرىشكەن مودېل
بىئولوگىيە
ئېقىشچان پەردە ماددىسى - ئاقسىل كىرىشكەن مودېل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق نۇقتىئىنەزەرى شۇكى: (1) پەردىنى تۈزگۈچى قوش مولېكۇلىلىق قەۋەتنىڭ ئچىكى قىسمىدىكى ھەر بىر فوسفاتىد مولېكۇلىسى توغرا يۆنىلىش بويىچە ئەركىن سۈرۈلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك قوش مۇلېكۇلىلىق قەۋەت ئېقىشچان ھالەتتىكى ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولىدۇ. (2) قوش مولېكۇلىلىق قەۋەت بوتقىسىمان بولغانلىقتىن فوسفاتىدلار بىلەن بىللە توسالغۇلۇق رول ئوينايدۇ، شۇ سەۋەبتىن قارشىلىقى يۇقىرى، مولېكۇلىلار ئۆتەلمەيدىغان خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. (3) قوش ياغ قەۋىتىگە فۇنكىسىيىلىك ئاقسىللار كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قۇتۇپسىز قىسمى پەردىنىڭ سۇغا يات رايونىغا قىسىلىپ كىرىدۇ، قۇتۇپلۇق قىسمى پەردىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى ماددىلار تاللاپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. (4) ياغلىق ماددىلار فوسفاتىد (فوسفولىپىد)، گلۇكوزىد ئېستېرلىرى ۋە خولىستېروللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياغلىق ماددىلار پەردىنىڭ ئىككى تەرىپىگە سىممېترىك ھالدا تارقالمايدۇ، ئۇ پەقەت پەردىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئاقسىل ۋە فوسفاتىدلارنى بويلاپ ئۇلارنىڭ قۇتۇپلۇق تەرىپىدىكى گلۇكوپروتېئىننىڭ قەنتى بىلەن بىرىكىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پەردىنىڭ تەكشىلىكىنى بويلاپ تۆت ئەتراپقا يېنىچە ھەرىكەتلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ پەردىنىڭ تۇراقلىقى ۋە سىممېترىكسىز تۈزۈلۈشىنى ساقلايدۇ.