UyghurMain Dictionary
سۇيۇق
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
يېڭىلتەك، ئالدىراڭغۇ. مەسىلەن: سۇيۇق ئادەم _ يېڭىلتەك ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
سۇ تەركىبى كۆپ بولغان، سۇيۇلدۇرۇلغان؛ قويۇقنىڭ ئەكسى.
سۇيۇق جىسىم. سۇيۇق ماددا. سۇيۇق لاي.
زىچ ئۆسمىگەن، قويۇق ئەمەس؛ شالاڭ (چاچ، ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار ھەققىدە).
سۇيۇق ئۆسكەن شال. چېچى سۇيۇق ئايال.
كۆچمە. بىرەر ئىشتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان، تۇتامى يوق؛ يەڭگىل.
سۇيۇق ئادەم.