UyghurMain Dictionary
سۇفۇكلېس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 496 - 406) قەدىمكى يۇناندىكى ئۈچ چوڭ تراگىدىيە يازغۇچىسىنىڭ بىرى. ئافىناغا يېقىن شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى كولونوستا تۇغۇلغان. دادىسى سوفىللوس باي سودىگەربولغان (تۆمۈرچى دېگەن گەپمۇ بار). ئوبدانتەربىيە كۆرگەن، مۇزىكا، شېئىر، تەنتەربىيە جەھەتلەردىمۇ چېنىققان. ئافىنادا مالىيەئەمەلدارى، گېنېرال قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 120 نەچچە تېراگىدىيە يازغان، ھازىر <شاھ ئودىپوس>، <ئانتىگونې>، <ئېلىكتىرا>، <فروكتېتېس>، <ئېلىس>، <تىسخاس قىزى> ۋە <ئودىپوس كىرونوستا> دېگەن يەتتە تراگېدىيىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ۋە بىرنەچچە ئەسىرىنىڭ پارچىلىرى ساقلانماقتا. ئافىنادىكى سەھنە ئەسەرلىرى مۇسابىقىدە 20 نەچچە قېتىم مۇكاپاتلانغان. ياشلىق دەۋرىدە (مىلادىدىن 468 يىل ئىلگىرى) ئەيسكولوستىن ئۈستۈن تۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ۋەقەلىكى كۆپىنچە رىۋايەتلەردىن ئېلىنغان بولۇپ، غايىۋى قەھرىمانلارنىڭ تەقدىر بىلەن ئېلىشىشى تەسۋىرلەنگەن، كۆپىنچە تەقدىرگە تەڭ كېلەلمەسلىك بىلەن ئاخىرلاشقان (مەسىلەن، <شاھ ئودىپوس>)، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى مەدھىيلەنگەن؛ ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇكەممەل، ۋەقەلىكى دولقۇنسىمان، تىلى خېلى جانلىق بولغان. ئەنئەنىۋى <ئۈچ چاتما تىياتىر>(ترىلوگىيە) شەكلىنى قوللانمىغان، ئادەتتە بىر تىياتىرنىڭ ئىچىدە بىر ۋەقەلىك باش - ئايىغى بىلەن تولۇق بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە سەھنىگە چىقىدىغان ئارتىس (قەھرىمان)ئىككى كىشىدىن ئۈچ كىشىگە كۆپەيتىلگەن، ئىئونىئان شېۋىسىدىكى دىئالوگلار كۈچەيىتلىپ، خور قىسمى ئازايتىلغان، شۇنداقلا رەڭلىك دېكوراتسىيە قوشۇلغان، تىياتىر مۇزىكىسى ياخشىلانغان، شۇنىڭ بىلەن يۇنان تراگېدىيسى يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ، ئۆزىنىڭ قېلىپلىشىشىنىمۇ تاماملىغان. ئۇنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپىقىيەتى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياۋروپانىڭ تىياتىر ساھەسىدە ئابروي قازانغان.