UyghurMain Dictionary
سۇفرىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خاۋارىجلارنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى بولۇپ، خاۋارىجلار ئىچىدىكى مۆتىدىل مەزھەپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە سالىھ بىننى مۇسالىھ (؟ - 703) بۇ مەزھەپنى قۇرغۇچى دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، كېيىن بۇ مەزھەپنىڭ ئەزالىرى مۇتەكەللىمۇن، شائىر ئىمران بىننى ھىتان ساۋىش (؟ - 703) نى تۇنجى ئىمام ئىدى. بۇ مەزھەپ Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئاساسلىقى ئىراق رايونىدا پائالىيەت قىلدى. سالىھ بىننى مۇسالىھ 695 - يىلى تىگرىس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا كۆتۈرۈلۈپ، قوشۇن باشلاپ كۇفە رايونىغا كىرىپ، خاۋارىجلارنىڭ ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. شۇ يىلى 9 - ئايدا خەلىپە قوشۇنى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا سالىھ بىننى مۇسالىھ قازا قىلدى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىىرى سۇفرىيە بولۇپ شەكىللەندى. كېيىن شاھىبىب بىننى يەزىد شەيبانى (؟ - 696) باشلىق بولۇپ، جانلىق پارتىزانلىق تاكتېكىسىنى قوللىنىپ خەلىپە سانغۇنى ھەججاجنىڭ قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى. كېيىن سۇلالە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇلارنى باستۇردى. ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ئىمپېرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇردى. Ⅷ ئەسىردە بۇ مەزھەپ مەغرىپ رايونىدىكى ئەل ئىبازىيە بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نېگىر باشلىقى ئىيسا يەجىبە ئەسۋود ماراكەشنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە رايوننى درا دەرياسىغىچە كېڭەيتتى. سۇفرىييەلەرنىڭ دائىلىرى نېگىرلار رايونىغا بېرىپ دىننى تەرغىب قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئوماندا بۇ مەزھەپ ئەل ئىبازىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئاخىر ئەل ئىبازىيە تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. بۇ مەزھەپ باشقا مەزھەپلەردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. باشقا مەزھەپلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خوتۇن - بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى قوللىمىدى. <تەقىيە> پرىنسىپىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بىر مۇسۇلمان گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇ گۇناھ توغرىسىدا شەرىئەتتە ئېنىق جازا بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇ گۇناھنى مۇرتەدلىك ياكى مۇشرىكلىك گۇناھى قىلىپ بېكىتمەسلىك لازىم، دەپ قارىدى. بۇ مەزھەپتىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەقىدە، فىقھە ئۆلىمالىرى ۋە تەجۋىد ئالىملىرى شۇ چاغدا ناھايىتى ئاتاغلىق بولۇپ، ئەقىدە تەرغىباتىغا ئەھمىيەت بەردى.