UyghurMain Dictionary
سۈرمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يېنىدىن يىراققا ھەيدىمەك؛ تۇتۇش ئۈچۈن كەينىدىن يۈگۈرمەك.
قاچماق، تىكىۋەتمەك، قۇيرۇقىنى خادا قىلماق
بىرەر ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ياكى بىرەر ئىش - ھەرىكەتتىن قورقۇپ بىر يۆنىلىشكە تېز يۈرۈپ كەتمەك.
قاچقۇنمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ... كىلە قوغلىسا سۇغا قاچ. يىلان قوغلىسا قۇمغا قاچ. تۆگە قوغلىسا تاغقا قاچ. شۇ ئارىدا ئۇ تىكىۋەتتى. دۈشمەن قۇيرۇقىنى خادا قىلسا، سەن قولۇڭغا خادا ئال. دۈشمەننى سۈر، سۈرۈپ توقاي قىل. مەستتىن ساراڭمۇ قاچىدۇ. يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا. بايلىق قاچقاننى قوغلايدۇ، قوغلىغاندىن قاچىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوتلاتماق؛ ھەيدىمەك؛ باشلىماق، يېتەكلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا كۆتۈرمەستىن ئىتتىرىپ يۆتكىمەك.
جوزىنى ئالدىغا سۈرمەك.
ئىسىم بىلەن بىرىكىپ كېلىپ <داۋاملاشماق>، <قىلماق> مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەك.
بىرەر ئىشنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتمەك، يۆتكىمەك.
توينى كەينىگە سۈرمەك.
بىرەر ئىشنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلماق، لەززىتىنى ئالماق.
راھەت پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرمەك.
قوغلىماق، ھەيدىمەك.
سۈرۈپ توقاي قىلماق.
ئاقماق، سۇيۇق كەلمەك.
بالىنىڭ ئىچى سۈردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم بىر نەرسىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئىككىنچى بىر نەرسىنىڭ يۈزىگە سۈركىمەك.
يۈزىگە ماي سۈرمەك.
يۈزىنى سوپۇن سۈرۈپ يۇماق.