UyghurMain Dictionary
سۈرە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قۇرئاننىڭ ئايرىم باب ۋە بۆلۈمى (كۆپلۈكى<سۈۋەر>).
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <سەھىپە> دېگەنلىك بولۇپ، <قۇرئان كەرىم> دىكى 411 سۈرىنىڭ ھەرقانداق بىرى سۈرە دېيىلىدۇ. 2 - سۈرە (سۈرە بەقەر) 286 ئايەت بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن سۈرە، 103 - سۈرە (سۈرە ئەسىر) ئۈچ ئايەت بولۇپ، ئەڭ قىسقا سۈرە ھېسابلىنىدۇ. قارىيلار ۋە مۇفەسسىرلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنى چەك قىلىپ، ھىجرەتتىن ئىلگىرى نازىل بولغان سۈرىلەرنى مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر، ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەرنى مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەر، دەپ ئايرىدى. مەككىدە نازىل بولغانلىرى ھەممە سۈرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، مەدىنىدە نازىل بولغانلىرى ھەممە سۈرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى. ھەربىر سۈرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاشمايدۇ. سۈرىلەرنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى ئاساسەن مەزمۇنىغا قاراپ تۈزۈلگەن. سۈرە فاتىھە ئىماننىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك دۇئاسى ھېسابلىنىدۇ؛ ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئەھكاملار <سۈرە فاتىھە> نىڭ كەينىگە تىزىلغان؛ بىر ئىلاھلىقنى شەرھلىەيدىغان ئىدىيە، مۇشرىكلىكنى ئەيىبلەيدىغان ۋە قەدىمكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەرىپلەيدىغان ئۇزۇن سۈرىلەر قۇرئاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تىزىلغان. دەسلەپكى چاغلاردا نازىل بولغان قىسقا سۈرىلەر قۇرئاننىڭ ئاخىرىغا تىزىلغان. سۈرىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىچكى باغلىنىش يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
قۇرئاننىڭ ھەربىر بابى، يەنى قۇرئاندا جەمئىي 114 باب بولۇپ، بۇ 114 سۈرە دېيىلىدۇ. سۈرىلەر ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن سۈرە 286 ئايەتتىن، ئەڭ قىسقا سۈرە ئۈچ ئايەتتىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەربىر سۈرىنىڭ ئۆز ئالدىغا نامى بولىدۇ