Domain: دۇنيا تارىخىھىندىستاندىكى تۆت چوڭ تائىپىنىڭ تۆتىنچىسى. ئادەتتە، ئاساسىي جەھەتتىن ئارىيانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك ئاھالە كۆزدە تۇتۇلىدۇ، كېيىن ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن نامرات ۋائىزا تائىپىسىدىكىلەرنىڭ ئورنىمۇ كۈنسايىن سۇدرا تائىپىسىگە يېقىنلاشقان. ئاساسىي كەسپى <تۆۋەن دەرىجىلىك>قول - ھۈنەرۋەنلىكتىن باشقا، يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يۇقىرى تائىپىلەر ئۈچۈن مەجبورىي خىزمەت قىلغان، ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان، كەمسىتىلگەن بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى ئەڭ تۆۋەن قاتلام ئاھالە (4 - دەرىجە) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى سۇدرالار قۇل بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىلا سۇدرالار قول بولغان ئەمەس (قەدىمكى ھىندىستاندا قۇللارنى <داسا> دەپ ئاتايدۇ). بەزى ئالىملار سۇدرالارنى قۇللار دەپ قارايدۇ.