UyghurMain Dictionary
سۇدان ئۇممە پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<خەلق پارتىيىسى>، <ئەنسار پارتىيىسى> مۇ دېيىلىدۇ. سۇداندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، 1945 - يىلى قۇرۇلدى. ئۆزىنى ئەنسارىلاردىن دەپ ئاتىغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى بۇ پارتىيىنىڭ ئەزاسى ھېسابلاندى. بۇلارنى يېزىلاردىكى مۇسۇلمانلار قوللىدى. رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ھازىرقى زامان تەربىيىسى ئالغان. 1970 - يىلى 3 - ئايدا ئابا ئارىلىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كېيىن تىنجىتىلغان. 1975 - يىلى 9 - ئايدا ۋە 1976 - يىلى 7 - ئايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ غەلىبە قازىنالمىدى. 1977 - يىلى 7 - ئايدا ھۆكۈمەت بىلەن <مىللىي يارىشىش> كېلىشىمى ئىمزالىدى. 1986 - يىلى 4 - ئايدا چوڭ سايلامغا قاتنىشىپ، سۇداندىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولدى. مۇشۇ پارتىيە ۋە دېموكراتىك بىرلەشمە پارتىيىسى ئاساس قىلىنغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىندى.