UyghurMain Dictionary
سىتۋان باتۇرى
دۇنيا تارىخى
(1533 - 1586) پولشا كورۇلى (1576 - 1586). 1571 - 1576 - يىللاردا ترانسىلۋانىيىنىڭ كىنەزى بولغان. كېيىن پولشا ئۇششاق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پولشانىڭ كورۇللۇق تەختىگە چىققان. 1579 - يىلى لىۋونىيە ئۇرۇشى (1558 - 1583)غا قاتنىشىپ، روسىيەگە بېسىپ كىرگەن ۋە پىسكوۋ شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىغان بولسىمۇ ئالالمىغان، 1582 - يىلى چار پادىشاھ ئىۋان Ⅳ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، روسىيە لىۋونىيىنى پولشا - لىتۋا كورۇللىقىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قوشۇلغان. ئىچكى جەھەتتە كاتولىك دىنىغا تايىنىپ، پولشادا دىننى ئىسلاھ قىلىشقا قارشى تۇرغان.