UyghurMain Dictionary
سىتوپلازما
بىئولوگىيە
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ سىرتقى ۋە پلازما پەردىسىنىڭ ئىچىدىكى پروتوپلازما قىسمىدۇر. ئۇ سۇيۇق ھالەتتىكى سۈزۈك، يېپىشقاق ئاساسىي ماددا ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدە لەيلەپ يۈرىدىغان ھۈجەيرە ئورگانلىرى (ئىچكى پلازما تۈرى، پلاستىد، خوندىرىئوسوما، گولگى ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تۈزۈلىدۇ. سىتوپلازمىنىڭ سىرتقى قەۋىتى دىففېرېنسىيىلىنىپ، ھۈجەيرە پەردە - پلازما پەردىسىگە ئايلىنىدۇ. سىتوپلازمىدا كۆپلىگەن فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەر، مەسىلەن، ماددا ئالمىشىش، ئېنېرگىيە ئالمىشىش ۋە بىئوسىنتېز قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىتوپلازمىدا دائىم مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، پىگمېنت دانىچىلىرى، ماي تامچىلىرى ئاجرالما دانىچىلىرى ۋە گلىكوگېن قاتارلىقلار بولىدۇ. <ھۈجەيرە ئورگانلىرى> غا قاراڭ.