UyghurMain Dictionary
ستۇپا
دۇنيا تارىخى
سانسىكرىتچە stupaنىڭ ئاھاڭتەرجىمىسى. ھىندىستاندا تۇرغان جۇڭگولۇق راھىبلار ئۇنى بۇددا مۇنارى دەپ ئاتىغان. ئەسلى بۇددا مۇرىتلىرى بۇددا سۆڭەكلىرىنى ساقلايدىغان جاي. ئۇنىڭ بەزىلىرى ئىبادەتخاناۋە سانگاراماغا ئايلىنىپ، بۇتقا چوقۇنىدىغان مەركەز بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ شەكلى ئادەتتە يېرىم چەمبەرسىمان قەبرىگە ئوخشايدۇ. ھىندىستان مەركىزىي شىتاتىنىڭ مالۋا يېنىدىكى سانچىدا ساقلاپ قېلىنغان چوڭ ستۇپا ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بالدۇرقى ئۆرنەكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ستۇپا ئاسوكا دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىر) قۇرۇلۇشقا باشلىنىپ، كېيىن ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ خىش - تاش قۇرۇلمىلىق، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 16 مېتىر، دىئامېتىرى 37 مېتىر كېلىدىغان،ئۈستى تەكشى سۇپا بولغان، سۇپىنىڭ ئۈستىگەتۆت چاسا پەشتاق، پەشتاق ئۈستىدە كۈنلۈكسىمان تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، بۇددانىڭ خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. بۇددا مۇنارىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئايلانما تاش سالاسۇنلۇق يول ياسالغان، سانچىدىكى ستۇپانىڭ تۆت ئەتراپىدا بىردىن تاش دەرۋازا بولۇپ، ھەربىر دەرۋازىغا بۇددا دىنى سيۇژىت قىلغان نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان، پۈتكۈل بۇددا مۇنارى بۇددا دىننىي بىناكارلىق ئويمىچىلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم ئاسار - ئەتىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.