UyghurMain Dictionary
ستىمسون
دۇنيا تارىخى
(1867-1950)ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى (1929-1933).جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. يېل، خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. 1891-1906-يىللىرى نيۇيوركتا ئادۋۇكات بولغان. كېيىن نيويورك شىتاتى جەنۇبىي رايونىنىڭ ئادۋوكاتى بولغان. 1911-1913-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1915-يىلى نيۇيوركتىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا بەزىبىر مۇھىم ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامرېكىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1927-يىلى ئامرېكىنىڭ نىكاراگۇئادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان. كېيىن فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي بولغان. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ تۇرغىنىدا، 1931-يىلى ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇزقىلغاندىن كېيىن، <ستىمسونچىلىق>نى ئوتتۇرىغا قويغان.ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە ئادۋۇكاتلىق قىلغان. ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشنى بار كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئەنگلىيىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1940-يىلى يەنە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1945-يىلى 9-ئايدا، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدىن چېكىنىپ چىققان. <ئامرېكىنىڭ نىكاراگۇئادىكى سياسىتى>،<يىراق شەرق كىرىزىسى>قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.