UyghurMain Dictionary
سېرىقسۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىز بوشلىقىدا پەيدا بولىدىغان شىللىق سۇيۇقلۇق.
ئىت ئۇستىخان غاجىغان يەرگە شۆلگىيىنى ئېقىتىدۇ. ئىشچاندىن تەر ئاقار، ئېرىنچەكتىن شال. ھەسەتخورنىڭ ئاغزىدىن سېرىقسۇ قۇرۇمايدۇ. بولدى، شالدىمىڭنى ئېقىتما، مەن سېنى بىلىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سېرىق + سۇ
بىرەر نەرسىنى بەك يېگۈسى كەلگەن كىشىنىڭ ئېغىزىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق، شۆلگەي.
ئاغزىغا سېرىقسۇ يىغىلماق.
جاراھەتلەرنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان رەڭگى سېرىققا مايىل شىلىمشىق ماددا.