UyghurMain Dictionary
سېرىقچېچەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سېرىق + چېچەك
بوتانىكا
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، غولى تىك، ئۇچى كۆپ شاخلىق بولۇپ، خۇددى ئارپا بەدىيانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇرۇقى ئارپا بدىياندىن كىچىكرەك، بىر ئاز ياپىلاق، ئۇزۇنچاق كېلىدۇ، پۇرىقى ئۆتكۈر. ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەمى قېرىقراق، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل بولۇپ، <قارا كۆز بەدىيان> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.