UyghurMain Dictionary
سىرلىق ئوردا
دۇنيا تارىخى
يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان ئىمارەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتىلىشى. ئادەتتە كرىت ئارىلىدىكى قەدىمكى كنوساس شەھىرىدىكى مىنوس ئوردىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەپسانىلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئوردىنى ماھىر ئۇستادېدالۇس پادىشاھ مىنوس ئۈچۈن ياسىغانمىش؛ ئەنگىلىيەلىك ئارخېئولوگ ئېۋانىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، بۇ ئۈچ قەۋەتلىك ھەيۋەتلىك بىر ئىمارەت ئىكەن. قەدىمكى مىسىرنىڭ 12 - سۇلالىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 20 - ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 18ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نى فىرئەۋىنى مېرىدۋا كۆلى يېنىغا <سىرلىق ئوردا> سالدۇرغانىكەن، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا بۇ ئوردا ئۈچ مىڭ ھۇجرىدىن تەركىپ تاپقان. ھازىر بۇ سۆز ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان، ئىزاھلاشمۇ قىيىن بولغان مەلۇم مۇرەككەپ شەيئىلەرگە ياكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.