UyghurMain Dictionary
سىرلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«سىر Ⅰ» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان) .
سىر يوشۇرۇنغان، بىر سىر بار، مەخپىي.
سىرلىق ئادەم. * سىرلىق مەجلىس. * «سىرلىق چۆگۈن» چۆچىكى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«سىرⅡ» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان) .
سىرلىق چوكا. * سىرلىق ئاياغ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قانداقتۇر بىر سىر يوشۇرۇنغان، مەلۇم سىرى بار، مۆجىزىلىك.
سىرلىق قارىماق.
باشقىلاردىن سىر تۇتۇلغان ياكى باشقىلار بىلىپ قالسا بولمايدىغان؛ مەخپىي، يوشۇرۇن.
سىرلىق سۆھبەت.
سىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان؛ ناھايىتى ھەيۋەتلىك.
سىرلىق ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يۈزىگە تەكشى سىر سۈرتۈلگەن، سىر بىلەن بويالغان.
سىرلىساڭ سىرلىق ئاياق، سىرلىمىساڭ ئىتقا يالاق (ماقال).