UyghurMain Dictionary
سېرى
شىۋىلەر
تەرەپ، تامان؛ تەڭ. مەسىلەن:
بارچە ئالەم بىر سېرى،
يالغۇز ماڭا سەن سېرى.
تەلپۈنۈپ قۇشتەك ئۇچارمەن،
ھەر زامان سېنىڭ سېرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يارەمچى سۆز رولىدا <بىر> سۆزى بىلەن بىللە كېلىپ: 1( <بىر تەرەپ، بىر ياقلىق> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
كتىپ بارار جەڭ، ئۈچ كۈندىن بېرى. ئۇرۇش تەقدىرى، بولماي بىر سېرى.
2) <ئادەتتىكىدەك، بۇرۇنقىدەك> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
سودىمىز بەكمۇ يامان ئەمەس، بىر سېرى كېتىۋاتىدۇ.
ئىسىم رولىدا <تەرەپكە قاراپ، تەرەپكە> مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
تەلپۈنۈپ قوشتەك ئۇچارمەن، ھەر زامان سېنىڭ سېرى.
< - غان، - قان، - گەن، - كەن> بىلەن ياسالغان سۈپەتداشلار ۋە ۋاقىت مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، <سايىن> مەنىسىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچى رولىدا كېلىدۇ.
بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.