Uyghur←ChineseMain Dictionary
سپارتا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
斯巴达
sī bā dá
گرىتسىيىنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6 - ئەسىردىلا قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 450 - يىلى ئافىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئافىنانى مەلغۇپ قىلىپ، گرېتسىيە بويىچە ئاتاقلىق شەھەرلىك بىرلەشمە بولۇپ شەكىللەنگەن. ھازىرقى سپارتا شەھىرى 1834 - يىلى سېلىنغان. سپارتا شەھىرى پېلو پونېنىس يېرىم ئارىلىدىكى ئېفرودېس (Efrodes) دەريا بويىدىكى تۈزلەڭلىك ئلورۇنغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا مېۋە - چېۋە، ئاشلىق، زەيتۇن يېغى، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 13 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەردە قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار، ئاتاقلىق ساياھەت ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. ھەر يىلى گرېتسىيىگە كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ تارىخىي شەھەرلەرنى كۆرمەي قايتمايدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
斯巴达〈美、希、冰〉
sī bā dá 〈měi 、xī 、bīng 〉
دۇنيا تارىخى
斯巴达
sī bā dá
قەدىمكى يۇناندىكى ئاساسىي شەھەر دۆلىتى. لاسېدايمون دەپمۇ ئاتالغان. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى لاكونىيىنىڭ يولوتاس دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دورىيانلار (دورىسلار) شىمالدىن پلوپوننېسيېرىم ئارىلىغا كىرگەن، ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى لاكونىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەردە پەيدىنپەي ئولتۇراقلاشقان ھەمدەبەش يېزا جامائەسىنى تەشكىل قىلغان. بۇ بىرتۈركۈم دورىيانلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردەسپارتا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزلىرىنى <سپارتالىقلار> دەپ ئاتىغان. سپارتالىقلار ئۈزلۈكسىز ھالدا قوشنا رايونلارنى ئىستېلا قىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ مېسسىنىيىنى بويسۇندۇرۇشقا كىرىشكەن. تەخمىنەن مۇشۇ جەرياندا سپارتا دۆلىتىنى قۇرغان؛ يەنە جەنۇبىي ئىتالىيىدە مۇستەملىكە شەھەر - تارېنتۇمنى بىنا قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پادىشاھ لىكۇرگۇس سپارتا ئۈچۈن قانۇن تۈزۈپ، سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى ئورناتقان ھەمدە سپارتالىقلارغا 900 ئۈلۈش يەرنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن. سپارتا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، سودا - سانائەت پائالىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن، ھەتتا ئۇنى چەكلىگەن. ئېتىزلارنى تېرىغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئولىگارخ ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلۇپ، ھوقۇق 30 نەپەر ئاقسۆڭەك (ئىككى نەپەر پادىشاھ بىلەن 28 نەپەر ئاقساقالنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ)تىن تەشكىل قىلىنغان ئاقساقاللار كېڭىشمىسى ۋە بەش نەپەر مۇپەتتىش ئەمەلدارىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. خەلق يىغىنى تەشكىل جەھەتتە دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە ئاۋاز بىرىشنى ئېلىپ بارسىمۇ(مۇزاكىرە قىلمايتتى)، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى سايلىسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان. قاتتىق ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكەر بولغان ۋە <باراۋەرلە كوممۇنىسى>غا كىرىپ، كوللىكتىپ تاماق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. سپارتالىقلارنىڭ ھېلوتلارئۈستىدىن ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ۋەقۇل قىلىشى، ھېلوتلارنىڭ كۆپ قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى (<مېسسىنىيە ئۇرۇشى>دەپمۇ ئاتىلىدۇ)گە سەۋەپچى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى تەشكىل قىلىنىپ، سپارتانىڭ جەنۇبىي يۇناندىكى زومىگەرلىك ئورنى تىكلەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا، سپارتا ئافىنا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە پرسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا ئافىنانى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل يۇناندا زومىگەرلىك قىلىش ئورنىغا ئىگە بولغان؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشپ، ئۇلارنىڭ قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئافىنا، تېبېس، كلونىس قاتارلىقلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت قوراللىق جاڭجال قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەدرىجىي يوقاتقان. لېئۇكترا جېڭىدە ئېپامىنونداس باشچىلىقىدىكى تېبېس قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، پېلوپوننېس ئىتتىپاقى گۇمران بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە، تاۋار - پۇل مۇناسىۋىتى تەرەققى قىلىپ، بايلار ۋە كەمبەغەللەرگە بۆلۈنۈش جىددىيلىشىپ، يەرلەرنى قوشۇۋېلىش شامىلى ئەۋج ئېلىپ، <باراۋەرلە كوممۇنىسى> پارچىلىنىپ كەتكەن. ئۈلۈش يەر ئالغان تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالارنىڭ سانى تېز ئازىيىپ (پەقەت 1500 ئائىلە قالغان)، ئىجتىمائىي كۈرەش كەسكىنلەشكەن. ئاگىس Ⅳ، كلېئومېنېس Ⅲ ۋە نابىسلار ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن كۈچى تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ماكېدونىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رىمنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. سپارتالىقلار ھەربىي ئىشلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئەھمىيەتبەرمىگەن. ئاياللار ساغلام ئوغۇل تۇغۇشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلگەن، تەلىم - تەربىيە لاياقەتلىك ھەربىيلەرنى يىتۈشتۈرۈشنى ئالىي نىشان قىلغان. <سپارتا روھى> كېينكى ئۇرۇشخۇمار ئەۋلادلار تەرىپىدىن ئۇلۇغلانغان.