UyghurMain Dictionary
سوپىلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىغا ئەمەل قىلىدىغان مىستىتسىزملىق (تىلسىماتچىلىق، سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق) مەزھەپ بولۇپ، ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا سىرلىق مەنا بېرىپ، رىيازەت چېكىش، تەركىيدۇنيالىق ئىبادىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سوپىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەبچە <سوپى> دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەر خىل تەرىپلىنىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسلىي ئەرەبچە <سەفا> دېگەن سۆز بولۇپ، <قەلبى پاك، ھەرىكىتى دۇرۇس> دېگەنلىك بولىدىكەن؛ بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، <سەفف> دېگەن سۆز بولۇپ، مەنىسى <ئاللانىڭ ئالدىدا يۇقىرى مەرتىبىدە ۋە ئالدىنقى قاتاردا بولغۇچى> دېگەنلىك بولىدىكەن؛ يەنە بەزىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ پەزىلىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۋرىدىكى سۇففە قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرىدەك بولۇپ، رىيازەت چېكىش، نەپسىنى يىغىش، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتىدىكەن. ئالىملار بۇ سۆز <سۇف> (قوي يۇڭى) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. چۈنكى سوپىلار قوي يۇڭىدىن توقۇلغان كىيىملەرنى كىيىپ، تەقۋادار ئېتىقادنى ۋە تۇرمۇشتا نامراتلىققا رازى بولىدىغان ئاددىي - ساددىلىقنى ئىپادىلىگەنلىكىدىن شۇنداق دەپ ئاتالغان، دەپ قارايدۇ. نۇرىدىن ئابدۇرەھمان بىننى ئەھمەد بىننى مۇھەممەد جامى (1414 - 1492) نىڭ ئېيتىشىچە، <سوپى> سۆزىنى زاھىتلىق يولىغا ماڭغان كۇفەدىكى ئەبۇھاشىم (؟ - 778) تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، كېيىنكى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، تەركىيدۇنيا، كىمىياگەر جابىر ئىبنى ھەييان (720 - 815) تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەرەبچە ھۆججەتلەردە <سوپى> سۆزى رەسمىي ئىشلىتىلگەن. Ⅺ ئەسىردە مۇسۇلمانلار زاھىتلىق تەركىيدۇنياچىلىق يولىغا ماڭغانلارنى <سوپى> دەپ ئاتىغان. ئەرەب ئۆلىمالىرى بۇ ئېقىمنىڭ ئەزالىرىنى مۇتەسەۋۋىف (تەسەۋۋۇپچى) دەپ ئاتىغان. فرانسىيىلىك شەرقشۇناس تولىك بۇ ئېقىمنى <سوپىزم> دەپ ئاتىغان.
سوپىلار Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋردىكى كۇفە ۋە بەسرە قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولدى. ئۇ مۇسۇلمانلاردىكى چىن ئېتىقاد ۋە دىنىي قىزغىنلىقنىڭ مەھسۇلى ئىدى. دەسلەپكى چاغلاردىكى سوپىلار نامرات ئۆتۈشكە، رىيازەت چېكىشكە ۋە نەسپىنى يىغىشقا رازى بولۇشنى ئۆزىنىڭ خۇسىۇسىيىتى قىلدى. ئۇلار <قۇرئان كەرىم> گە، ھەدىسكە، شەرىئەتكە قاتتىق ئەمەل قىلدى ۋە دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ تەقۋادار ۋە ئاددىي - ساددا تۇرمۇشىنى ئۈلگە قىلدى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسىدىكى ئورىنىڭ چېرىكلىكىگە ۋە ھۆكۈمرانلار ئارىسىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەت تاللىشىغا نارازى بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ نامراتلىققا، رىيازەت چېكىشكە، نەپسىنى يىغىۋېلىشقا رازى بولۇش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دىلنىڭ پاك بولۇشىنى ۋە مەنىۋىيىتىنىڭ ئارام تېپىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇلار ئۇچىسىغا جەندە كىيىپ، بۇ دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتىگە بېرىلمىدى. كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىبادىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تەسفىيە تۇل قەلب، چوڭقۇر خىيال بىلەن بولۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، ھەرەمگە پىيادە بېرىش، خلۋەتچىلىكتە ياشاش بىلەن شۇغۇللاندى ياكى ماكانىدىن ئايرىلىپ دۇنيانى زىيارەت قىلدى، يولبويى دىنغا تايىنىپ جان باقتى. كۇفەدىكى ھەسەن بەسرە (؟ - 728)، بەلىختىكى ئىبراھىم بىننى ئەزەم (؟ - 777)، باغداتتىكى مەررۇف كورخ (؟ - 816) قاتارلىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن بۇ ئېقىم سۈرىيە، ھىجاز، يەمەن، مىسىر ۋە ئەجەم قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، بەزى ئۆلىمالار ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئومۇملاشتى. لېكىن، ھۆكۈمەت ۋە سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇنلار ئۇنى <بىدئەتلىك> ھېسابلىدى.
Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، سوپىلار دەرۋىشلىكتىن مىستىتسىزمغا تەرەققىي قىلدى، دىنىي نەزەرىيە شەكلىدە پەيدا بولدى. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، قەدىمكى گرېتسىيە، پرسىيە ۋە ھىندىستاندىكى ھەر خىل پەلسەپە ۋە دىنىي ئىدىيىلەر ئىسلام دىنىغا سىڭىپ كىردى. جۈملىدىن يېڭى ئەپلاتونىزم ۋە ھىندىستاندىكى يوگاچارە مەزھىپىنىڭ زاھىدلىق نەزەرىيىسى تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئېقىمدىكى ئۆلىمالار <قۇرئان كەرىم> نىڭ بەزى ئايەتلىرىنى ئاساس قىلىپ ھەم سىرتتىن كەلگەن ھەر خىل ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئەسەر يېزىپ، ئەقىدە ۋە ئىبادەتنى مىستىتسىزملىق پەلسەپە بىلەن شەرھلىدى. ئاللاغا بولغان مۇھەببەتنىڭ يادروسى مەئرىفە، پان ئىلاھىزم ۋە ۋىسالۇل ھەققتىن ئىبارەت، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر خىل تەلىماتلار ئارىلاشتۇرۇلغان تەسەۋۋۇپچىلىقنى شەكىللەندۈردى. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئايال مىستىتسىزمچى رابىل ئەدۋىيا (717 - 801) قاتارلىق كىشىلەر ۋەكىللىك قىلىپ ئاللانى سىرلىق يول بىلەن سۆيۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاللا مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ئوبيېكتىدۇر. ئىنسان روھىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماھىيىتى سۆيگۈدىن ئىبارەت. سۆيگۈ ئىنساننى ئاللاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئىنساننى ئاللانىڭ يولىغا يېتىشكە باشلايدىغىنى، قورقۇش ياكى ئۈمىد ئەمەس، بەلكى پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلگەن سۆيگۈدۈر. ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بەخت ئاللانىڭ ۋىسالىغا يېتىشتىن ئىبارەت، دەپ قارىدى. Ⅸ ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەبۇ سۇلەيمان دالانى (؟ - 850) سىرلىق تۇيغۇ بىلەن ئاللانى تونۇش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ كىشىلەر ئاللا توغرىسىدىكى تونۇشقا ئىدراك ياكى جامائەت ئېتىراپ قىلغان ھەدىسلەر چاقنىشىدىن ئىگە بولغان بىر خىل سىرلىق تۇيغۇغا تايىنىپ ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىدى. كېيىن مىسىردىكى زاھىت زۇنۇن مىسىرى (؟ - 860) مەئرىفە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوپىلارنىڭ ئەقىدىسىنى مۇكەممەللىشىشكە يۈزلەندۈردى. ئۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقسىتى ئاخىر ئاللا ۋىسالغا يېتىشتىن ئىبارەت. چوڭقۇر خىيال سۈرۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاللانى خىيال قىلىپ، شەخسنىڭ پاك روھى بىلەن ئاللا روھىنىڭ نۇرىنى قوشۇۋەتكەندە ئاللانى ھەقىقىي تونۇغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق، دەپ قارىدى. پرسىيىدىكى مىستىتسىزمچى ئەبۇ يەزىد بىستامى (؟ - 875) ۋەكىللىكىدىكى <ۋەھىد تۇل ۋۇجۇد> تىن ئىبارەت پان ئىلاھىزم قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاللانىڭ زاتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەممە نەرسە يالغۇز ئاللارغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئىنسان ئوخشىمىغان باسقۇچلاردىكى دەرمان تاۋلاش ئارقىلىق ئەل فەنائنىڭ ئالىي مەنىۋى دەرىجىسىگە يېتىپ، ئاللا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئاللا ۋىسالىغا يېتىدۇ، دەپ قارىدى. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرى پرسىيىدىكى سوپىلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج (858 - 922) <ئىنسان بىلەن ئاللانىڭ بىرىكىپ كېتىش> قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنى <مەن ھەقىقەتتۇرمەن> دېگەنلىكتىن، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ مەھكىمە شەرئىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سوپىلار ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇ ئېقىمنىڭ مىستىتسىزملىق نەزەرىيىسى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىدىيىسى مۇرەككەپ، قارشى ھەر خىل بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن تەلىماتى ۋە تەشكىلىي شەكلى شەكىللەنمىدى. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن بۇ ئېقىم ئىراق ۋە سۈرىيىنى مەركەز قىلىپ، شىمالىي ئافرىقا، ئىسپانىيە، پرسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسيادا كەڭ تارقالدى ۋە تەرەققىي قىلدى.
سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغان سوپى ئۆلىمالىرى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، سوپى ئەقىدىسى بىلەن ئەنئەنىچىلەرنىڭ ئېتىقادىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، تەسەۋۋۇپچىلىقنى تەدرىجىي ئەنئەنىۋى ئەقىدە ئىدىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىپ راۋاجلاندۇردى. ئىسلام ئېتىقادىنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، مەشھۇر سوپى ئۆلىماسى مۇھاىسبى (781 - 857)، ھارازى (؟ - 899)، شەيخ جۇنەيد (؟ - 911). كەلا بازى (؟ - 955)، سالاقى (؟ - 988)، ھۇجۋىرى (؟ - 1071) قاتارلىق كىشىلەر <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىن مىستىتسىزمغا نەزەرىيىۋى ئاساس ئىزدەپ، سوپىلارنىڭ ئەقىدە ۋە ئىبادەت شەكىللىرىنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدە ۋە شەرىئەت قارىشى بىلەن سىستېمىلىق شەرھلەپ <رىسالە ئەل تەۋھىد> نى تەشەببۇس قىلدى. سوپىلار ئارىسىدىكى <غەيرىي ئەھلى شەرىئەت تەرەپدارلىرى> نىڭ ئىسلام ئاساسىي ئېتىقادىدىن ئايرىلغان بىدئەت - سۆز - ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلار شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش، دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش ئاساسىدا ئىستىقامەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە سوپىلار ھەقىقىي ئەنئەنىچىلەر، دەپ ئېلان قىلدى. Ⅺ ئەسىردە نوپۇزلۇق مۇتەكەللىمۇن ئەل غەززالى (5810 - 1111) سوپىلارنىڭ كۆز قارىشىنى نەزەرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلاپ، مىستىتىسىزملىق بىۋاستە تۇيغۇدىن ئىبارەت تونۇش نەزەرىيىسى ۋە ۋىسائۇل ھەقق قاتارلىق ئىدىيىلەرنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىغا كىرگۈزدى. سوپىلارنىڭ دىني پەرزلەرنى ئادا قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلىشنى ۋە پان ئىلاھىزملىق تەشەببۇسلىرىنى چۆرۈۋەتتى. ئۇنىڭ تەلىماتى ئىلمىي تەۋھىدنىڭ ئاخىرقى نەزەرىيە شەكلى بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېتىقادىغا ئايلاندى. 14 - ئەسىردە ئىسپانىيىدىكى مىستىتسىزمچى پەيلاسوپ ئىبنى ئەرەبى (1165 - 1240) تەسەۋۋۇپچىلىقنى <ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد> نى مەركەز قىلغان پان ئىلاھىزملىق پەلسەپىۋى ئىدىيە سىستېمىسىغا راۋاجلاندۇرۇپ، مىستىتسىزمغا پەلسەپىۋى قائىدە ۋە پىكرەنلىك خاراكتېر بەردى. سوپىلار ئىسلام مەدەنىيىتى ساھەسىدە ئىنتايىن جانلىنىپ، ئابدۇلقادىر جىلانى (1078 - 1166)، يەھيا سۇھرەۋەردى (1153 - 1191)، ئىبنى ئەتتەر (تەخمىنەن 1142 - 1273)، ئىبنى فارىز (1181 - 1235)، جالالىدىن دۇمى (7120 - 1273)، شەيخ سەئدى (تەخمىنەن 1203 - 1292)، شەمسىددىن مۇھەممەد ھافىز (1320 - 1389)، نەقشىبەندى (1314 - 1389)، نۇرىددىن ئابدۇرەھمان بىننى ئەھمەد بىننى مۇھەممەد جامى (1414 - 1492) قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپەككۇرلەر ۋە شائىرلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار ئىلمىي تەۋھىد، ئىلمىي تەپسىر، ئىلمىي ھەدىس، ئىلمىي فىقھە، ئېتىكا، ئەدەبىيات، شېئىرئەت قاتارلىق ساھەلەردە تۆھپە كۆرسىتىپ، شۆھرەت قازىنىپ، سوپىزملىق ئەدەبىيات ۋە ئىدىيە ھەرىكىىتنى قوزغاپ، ئىسلام دۇنياسىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.
سوپىلارنىڭ دىنىي پەلسەپە ئىدىيىسى <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى ئالاقىدار ئايەتلەر ۋە سۆزلەرنى ئاساس قىلدى. يېڭى ئەپلاتونىزمنى ۋە باشقا دىنىي مىستىتسىزملىق ئىبادەت نەزەرىيىلىرىنى، قائىدە - يوسۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ مۇرەككەپ ئىدىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. بىرلىككە كەلگەن ئەقىدە ۋە تەلىماتىنى شەكىللەندۈرەلمىدى. بۇ ئېقىمدىكى مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىدىكى ئورتاق ئىدىيىۋى قاراشلار شۇكى: (1) ئاللا بىلەن مەۋجۇداتلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە <ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد> نى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاللا يالغۇز، مۇتلەق، چىن مەۋجۇت بولۇپ، ئالەمدىكى جىمىكى مەۋجۇداتلار ئاللانىڭ بىرلىكىنى مەنبە قىلىدۇ. ئاللا سىرتقا ئاشكارىلىغاندا مەۋجۇداتلار ئىپادىلەيدۇ. ئاللا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ماھىيەتتۇر. يالغۇز مەڭگۈلۈك ئاللاھدىن باشقا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق بولمايدۇ. ئالەم (چوڭ دۇنيا) ۋە ئىنسان (كىچىك دۇنيا) قادىر ئاللا ياراتقان كارامەتلەردۇر. ئۇلار خىيالىي كۆرۈنۈش، ۋاقىتلىق مەۋجۇتلۇق بولۇپ، ئاخىر ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ. (2) ئاللا بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتىدە ئاللانى چەكسىز سۆيۈشنى يادرو قىلغان ۋىسالۇل ھەقنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سۆيگۈ ئاللانىڭ بىر خىل مۇكەممەل پەزىلىتىدىن ئىبارەت، ئاللا ئومۇمىي سۆيگۈسى بىلەن ئىنساننى ياراتتى ھەمدە ئىنسانغا سۆيگۈ پەزىلىتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاغا مۇتلەق ئىمان ئېيتىش ھۆرمەت قىلغان سۆيگۈ بولۇپ، قورقۇش ۋە ئۈمىد ئەمەس. ئاللانى چەكسىز سۆيۈش ئاللانى تونۇشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئاللانى ھەر قاچان ئەسلەپ، مەدھىيلەپ ۋە سېغىنىپ، مەنىۋى جەھەتتىن دەرمان تاۋلاش ۋە روھنى پاكلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللانىڭ ۋىسالغا يەتكىلى بولىدۇ. (3) تونۇش نەزەرىيىسى جەھەتتە، ئاللانى بىۋاستە تۇيغۇ بىلەن تونۇشتىن ئىبارەت مەئرىفەنى تەشەببۇس قىلدى. ئىدراكىي تونۇشنىڭ رولىنى ئىنكار قىلدى. ئىنساننىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە بىلىمىنى ئاللا بېرىدۇ. ئىنسان تونۇشىنىڭ مەنبەسى ۋە ئوبيېكتى يالغۇز ئاللاھدۇر. كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى ئاللانىڭ ھېكىمىتى تونۇشتىن ئىبارەت. كىشىلەر بىۋاستە تۇيغۇنىڭ دىلدىكى ئىلھامى بىلەن بىلىمگە ئىگە بولالايدۇ. بىلىشنىڭ شەكلى چوڭقۇر خىيال سۈرۈش، ئىلھام ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق <فەنائ> لىقنىڭ مەنىۋى ھالىتىگە كىرىپ، ئاللانىڭ تونۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. (4) ئىككى دۇنيالىق كۆز قارىشى جەھەتتە ئۇ دۇنياچىلىقنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيا كىشىلىك ھايات سەپەرگە ئوخشاش قىسقا بولۇپ، تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ باقىي دۇنيا كىشىلىك ھاياتنىڭ دەرگاھى بولۇپ، مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا پانىي دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتىنى كۆزلىمەسلىك، پانىي دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى ۋە شەخسىي ھەۋىسىنى دىلدىن يىراق قىلىپ، يامانلىقىنى توسۇپ، ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، رىيازەت چېكىپ روھنى تاۋلاش، رېئال تۇرمۇشتىكى ئازاپ - ئوقۇبەتكە سەۋر - تاقەت قىلىش، بويسۇنۇش لازىم، دەپ قارىدى.
سوپىلارنىڭ دىنىي ئىبادەت شەكلى تەن ۋە روھتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. تەن جەھەتتىكى ئىبادەت دېگەندە يېمەكلىكنى تېجەش، رىيازەت چېكىش، نەپسىنى يىغىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. روھى جەھەتتىكى تاۋلىنىشنى شەرىئەت، تەرىقەت، ھەقىقەتتىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىلگە ئايرىيدۇ. سوپىلار ئىبادەتكويلار ۋە ئادەتتىكى مۆمىنلەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئىبادەتكوي مۇردلار ئۆيىدىن ئايرلىپ خانقالارغا بېرىپ، ئۇستازى مۇرشىدىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەقىدىنىڭ سىرلىق مەنىلىرىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئىبادەتنىڭ مەخپىي دەۋەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. كوللېكتىپ ياكى يالغۇز ئىبادەت قىلىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ بارىدۇ؛ ئادەتتىكى مۆمىنلەر دەھرىيلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بەلگىلىمە بويىچە قەرەللىك دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بەزى سۈلۈكلەر تەرىقەتنى تۆۋە - ئىستىغپار، پەرھىز تۇتۇش، ۋاز كېچىش، يوقسۇل ئۆتۈش، سەۋر قىلىش، ئىشىنىش ۋە رازى بولۇشتىن ئىبارەت يەتتە باسقۇچقا بۆلىدۇ. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسى دىنىي مۇراسىمى زىكر سېلىشتىن ئىبارەت. زىكرنىڭ مەزمۇنى <كەلىمە تەييىبە>، <كەلىمەشاھادەت> نى، <قۇرئان كەرىم> دىكى ئايەتلەرنى ۋە ئاللاغا، پەيغەمبەرگە ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان نەزمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىكر شەكلى جەھرى سېلىش، خۇفىيە ئوقۇش ۋە ئىچىدىكى ئوقۇشقا ئايرىلىدۇ، بەزى سۈلۈكلەر مۇزىكا، ئۇسسۇل، ناخشا - قوشاقلارنى زىكر مۇراسىمىغا كىرگۈزگەن ھەمدە ھەرىكەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، زىكر سالغۇچىلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى كۈچەيتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ئېقىم ھەممىدىن بۇرۇن تەسۋى (سۇبھە) ئىشلەتكەن.
Ⅸ ئەسىردە سوپىلار ئىچىدىن مۇرشىدنى يادور قىلغان كىچىك تەشكىلات پەيدا بولدى. Ⅹ ئەسىردە جايلاردا كىچىك كۆلەملىك يىغىلىش سورۇنلىرى ياكى زاۋىيەلەر قۇرۇلدى. كېيىن قۇرۇلۇش كۆلىمى خېلى چوڭ مەسچىت، مەدرىسە ۋە ئىستىقامەت مەركەزلىرىگە تەرەققىي قىلدى. Ⅻ ئەسىردىن كېيىن، زاۋىيە ئاساسىدا جايلاردا دائىملىق دىنىي پىرقە تەشكىلاتلىرى (ھەمكارلىشىش ئۇيۇشمىسى، قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى) شەكىللەندى. يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە سوپىلار مۆتىۋەللى بولدى. ئۇلار ئومۇمىي مەقسىتىنى ۋە تاۋلىنىش شەكلىنى بەلگىلىدى. جايلاردىكى پىرقىلەر بىر - بىرىگە قاراشلىق بولماي، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلدى. 15 - ئەسىردىن ئېتىبارەن جايلاردىكى دىنىي پىرقىلەر يەنىمۇ كېڭەيدى. بەزىلىرى شۆبە تەشكىلاتلارنى قۇردى. زاۋىيەلەر نۇرغۇن ۋەخپە يەر، مال - مۈلۈككە ئىگە بولدى. ئەزالار مۇتىۋەللىگە مۇتلەق بويسۇندى. مۆتىۋەللى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەبرىگاھى مۆمىنلەر تاۋاب قىلىدىغان مەركەز بولۇپ قالدى. پىرقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ پىرقىنى قۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى. سوپىلارنىڭ دۇنيادىكى تەشكىللىرى200 دىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە قادىرىيە، رىفائىيە، شازىلىيە، مەۋلەۋىيە، بەدەۋىيە، نەقىشبەندىيە، تىجانىيە، سۇھرەۋەردىيە، چىشتىيە، سەفەۋىيە، سەنۇسىيە قاتار دىنىي پىرقىلەر مەشھۇر. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە سەفەۋىيە پىرقىسى شىئە مەزھىپىنىڭ ئېتىقادىغا ئەمەل قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ، سوپىلارنىڭ پائالىيىتى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا تارقالغان، سوپىلار ھازىرمۇ بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ۋە رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. سوپىلارنىڭ مىستىتسىزملىق ئىدىيىسى ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، پەلسەپە ئەسەرلىرىدە ۋە كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە.