UyghurMain Dictionary
سوپى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ چوڭلىرى، يېتەكچىلىرى.
«بۇۋى» ئايال سوپى.
ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۇۋى. سوپى سوۋۇغاننى يەر، تاپسا يوغاننى. شەيتانغا ئىشەنسەڭ ئىشەن، ئىشانغا ئىشەنمە. ئۆلىما، ئىشانلاردىن ئازار كەلسە، ياۋاش ئەسكەر ياخشى ئۇندىن يۈز ھەسسە. بۇۋى سوپىدىن قېلىشمايدۇ. بۇۋى نېمە دېگىنىنى، نېمە قىلغىنىنى ئۆزى بىلسە ئىدى، «بۇۋى» بولماس ئىدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە ئاتالغۇنىڭ تومۇرى سۇف (قوي يۇڭى) بولۇپ، قوي يۇڭىدىن كىيىم قىلىپ كىيگەنلەر دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلار سوپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار دىلنىڭ پاكلىقىنى كۆزلەيدۇ ھەمدە قوي يۇڭىدىن تەييارلانغان كىيىملەرنى كىيىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي - ساددىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكتىن «سوپى»، «سوپىلار» دەپ ئاتالغان. ئۇلاردا بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت شەكىللىنىپ باقمىغان؛ سوپىلاردىن تەركىب تاپقان تەسەۋۋۇپچىلار بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى مەزھەپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ مىستىتسىزملىق تەشەببۇسلىرى غەربنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى ئالىملىرى تەرىپىدىن «سوپىزم» دەپ ئاتالدى. كېيىنكىلەر بۇ سۆزنى ئومۇميۈزلۈك قوللاندى. شۇ سەپكە قاتناشقانلار ئەھلى تەسەۋۋۇپ مەنىسىدە تەسەۋۋۇپچىلار دەپ ئاتالدى. ئەرەب تىلى قوللىنىلىدىغان رايونلاردا ئادەتتە «فەقىرلەر» دەپ، پارس تىلى قوللىنىلىدىغان رايونلاردا «مۇرىشدلار» دېيىلدى. ئۇلار ئۇستاز ۋە شاگىرت دەپ ئايرىلدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، شىنجاڭدا ئىشانلار شۇنداق دەپ ئاتالغان.ئىشاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئىستىقامەت قىلىدىغان شاگىرتلار ياكى مۇئەززىنلىك ۋەزىپىسىنى ئىشلەيدىغان نائىپ ئىماملار، سىرلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئۆلىمالار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
دىن
ئى. ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە سوپىزم يولىنى تۇتقان كىشى.
ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۈۋى (ماقال).
سۈپ. ياخشى - يامان ئىشلاردىن قول ئۈزگەن، گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى توختاتقان.
سوپى ئايال. سوپى يىگىت