UyghurMain Dictionary
سولاشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جانلىق ھالەتنى يوقاتماق.
ئەقلىڭ تولىدۇ، ھۆسنىڭ سولىدۇ. تاماكىدىن ياشمۇ سولىشار. سادىن قورقۇپ سالپايغان ساراڭ.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇسىزلىقتىن يۇمشاپ كېتىشى. كۆچمە: ئېزىلەڭگۈلىشىش. مەسىلەن: تولا سولاشماي، ئىتتىكرەك ماڭغىنا. بەزى ئېزىلەڭگۈ، مىس _ مىس ئادەملەرنىڭ ئاتلىرىنىڭ كەينىگە بۇ پېئىلنىڭ تومۇرى سۈپەت شەكلىدە قوشۇپ ئېيتىلدۇ. مەسىلەن: ئابدۇرېھىم سولاش، تۇردى سولاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<سولىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇلار قاسىمنى <جېدەل تېرىدىڭ> دېگەن باھانە بىلەن تۈرمىگە سولاشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<بوت> ئۆسۈملۈكلەر غولى، يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە مېۋىسى قېرىش ياكى ئوزۇقلۇق ھەم سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن قورۇلماق، پۈرلەشمەك؛ سولماق.
كۆچمە. تېتىك، جۇشقۇن ھالىتىنى يوقاتماق، بوشاشماق، سۇسلاشماق.
بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ياشلار قولىدىكى نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، سولاشقان ھالدا چىقىپ كېتىشتى.