UyghurMain Dictionary
سول
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سېھقانچىلىقنىڭ ئورمان، چېپىق، ئورتاق قاتارلىق ئىشلىرىدا بۆلۈنگەن ئۈلۈش.
سول ئاچماق. * ئاش تەڭ، نان تەڭ ، سول نېمىشقا كەڭ؟
ئاھاڭداش سۆزلەر
چەپ. ئانتونىمى: ئوڭ.
سول تەرەپ. * سول قول. * سولخاي. * ئوڭ قولۇم، سول قولۇم، ھەممىسى ئۆز قولۇم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سولماق، سولۇشۇش. قۇرۇپ بوشاپ كەتمەك.
گۈللەر سولىشىپ كەتتى. * گۈل سولار، ھىدى قالار (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورمىدا چېپىقتا كىشىلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن ۋەزىپە.
ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نېمىشقا كەڭ؟ چامدىساڭمۇ چام بولسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرەپنىڭ بىرى، غەربنىڭ قارشى تەرىپى، كۈن چىقىدىغان تەرەپ.
يېقىن شەرق؛ ئوتتۇرا شەرق؛ يىراق شەرق. شەرق ئەللىرى؛
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەدەننىڭ يۈرەك ئورناشقان تەرىپى، سول قول، چەپ قول.
ئوڭ
بەدەننىڭ يۈرەك يوق تەرىپى، ئوڭ قول.
ئېشەككە ئوڭدىن مىنگەننىڭ سولدىن مىنگەندىن پەرقى يوق. ئوڭ كۆزۈڭ چەپ كۆزۈڭگە دۈشمەن. ئوڭ قول كۆنمىگەنگە سول قولمۇ كۆنمەس. ئوڭ كۆز سول كۆزنى كۈنلەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سول.
سول ئەلىك _ سول قول.
3 - 184
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سول، شەرق، كۈنچىقىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئورمىچىلارنىڭ مەلۇم كەڭلىكتە ئورۇپ ماڭغان يولى.
سول ئالماق. سول ئاچماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
گەۋدىسىنىڭ يۈرەك جايلاشقان تەرىپىدىكى، ئۇنىڭ ئەكسى تەرىپىدىكى.
سول قول. سول يان.
كۆچمە. سىياسەتتە ئالسىراقسانلىق بىلەن تېز ۋە تۈپ ئۆزگىرىش قىلىشنى خالايدىغان.
سول سىياسەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پېرۇنىڭ پۇل بىرلىكى.