UyghurMain Dictionary
سۆل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى ھەرىكەتلەندۇرىدىغان، ھەرىكەتتىكى جىسىمنى توختىتىدىغان ياكى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قابىلىيەت، رول، ئۈنۈم.
«كۈچ، قۇۋۋەت، قۇدرەت، جان» ئەڭ ئومۇمىي، ئادەم، ھايۋان ۋە ھەممە شەيئىدە بولىدۇ.
«چاما، مادار، ماغدۇر، ماجال، ھال، دەرما
بىلىم - كۈچ. كۈچ - ئۆملۈكتە. كۈچ - قۇدرەتمۇ ئەقىلغە يول بېرەر. بۇ تاماكىنىڭ كۈچى يوق ئىكەن. ئات كۈچى؛ ئەمگەك كۈچى. ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بىلەكتە، ھايۋاننىڭ تۇياقتا. بىلمەسلكتە بار ئىدى خۇش قۇۋۋىتىم، بىلگىنمدە قالمىدى ھېچ قۇۋۋىتىم. خۇلقى يامانلارغا بەرمە زەررە قۇدرەت، يامانلىقلىرىغا بەرمە كۈچ - قۇۋۋەت. چامىسىغا قاراپ چانىسى. تاماق - تەننىڭ مادارى. ماغدۇرۇم باردا يوق، ماغدۇرۇم كەتكەندە تەييار. قايسى تەرەپكە كەتتى خىيالىڭ، گەر قىلساڭ پەرۋاز، يېتەر ماجالىڭ. ھالى يەتمىگەن خۇداغا يېلىنار. دەرد بار، دەرمان يوق. سۆلى يوقنىڭ كۈنى تەس. قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولىدۇ. جېنى يوق ئېشەك، بىر پارچە خام كېسەك. ئاق نان تېپىشقا قۇربى بار ئىنسان كېپەك ئارقىسىدىن چاپماس ھېچقاچان.
شىۋىلەر
كۈچ، ماغدۇر. سۆللۈك ئادەم _ كۈچلۈك ئادەم؛ سۆللۈك ئۇن _ قۇۋۋەتلىك ئۇن.
شىۋىلەر
ھۆل، قۇرۇمىغان ( مېۋە ۋە گۆش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن )، خوتەندە « خام » مەنسىدىمۇ كېلىدۇ. مەسلەن: سۆل نان _ خام نان. قۇمۇلدا چىقىشقاق، يېپىشقاق، يېقىملىق مەنىلىرىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: سۆلى بار ئادەم _ چىقىشقاق ئادەم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۆل.
گۆش ۋە دەرەختىكى ھۆللۈك. سۆللۈگ ئەت _ چالا پىشقان، قېنى قېچىپ بولمىغان گۆش. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: سۆگۈت سۆلىڭە قارزىڭ قاسىڭا _ سۆگەتكە سۆللۈك، قېيىنغا قاتتىقلىق يارىشار، يەنى سۆگەت ئۈچۈن ھۆللۈك قانچىلىك ياراشسا، قېيىن دەرىخى ئۈچۈن قاتتىقلىق شۇنچە يارىشىدۇ.
3 - 184
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۈچ، ماغدۇر، قۇۋۋەت.
سۆلى بار. سۆلى يوق.
تەم، لەززەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال قىزىرىپ پىشمىغان، خام.
سۆل نان.
كۆچمە. چېنىقمىغان.
سۆل بالا.