UyghurMain Dictionary
سۆگەتگۈل
شىۋىلەر
تالگۈل.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ سۆگەتگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان، سۆگەتكە ئۇرۇقداش چاتقال ياكى دەرەخ
بولۇپ، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇچى يۇقىرى تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ،
يوپۇرمىقىنىڭ چۆرىسىدە چىشى بولمايدۇ. شەكلى سۆگەتنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. بىر ئاز قېلىن، قاتتىق، سىلىق، بەتبۇي، ئاچچىق، ئۆتكۈر
بولىدۇ. گۈلى چىرايلىق، ئاق ياكى قىزىل ئېچىلىدۇ. مېۋىسى ياپىلاق، ئۇزۇن، قاتتىق بولۇپ، ئىچى يۇڭغا ئوخشاش نەرسە بىلەن تولغان. يىلتىزى
ئۇزۇن، ئىنچىكە، تەمى تۇزلۇق، رەڭگى قىزىلغا مايىل، بىر يىلنىڭ ھەممە پەسلىدە دېگۈدەك گۈللەپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تازا باراقلىغان ۋاقتىدا يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ماددىلارنى تارقىتىش، پارقىرىتىش، قان تازىلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، باھنى
كۈچلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 5.0 ~ 5.1 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سۆگەتگۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى شاراب بىلەن ئەنجۈردە قاينىتىپ سۈيىدىن 15 گرامنى كالا قېتىقى بىلەن ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ
زەھىرىنى پەسەيتىدۇ (ھايۋانلارغىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ).
سۆگەتگۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سوزۇلما بەل ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقىقىچىشقاق، قارا داغ
قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۆگەتگۈلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى ئېزىپ زەخىملەرگە سېپىپ بەرسە، زەخىملەرنى پۈتتۈرىدۇ.
سۆگەتگۈلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى ھەمەل قىلىپ بەرسە، بالىياتقۇ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سۆگەتگۈل (تالگۈل)نىڭ يۇرتى ھىندىستان ۋە ئىران بولۇپ،15 - ئەسىرگە كەلگەندە بىر خىل نەپىس مەنزىرە ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە مەملىكىتىمىزگە ئېلىپ كىرىلگەن. يوپۇرمىقى بامبۇكنىڭكىگە، گۈلى شاپتۇل چېچىكىگە ئوخشاش بولغاچقا، خەنزۇچە «جياجۇتاۋ» (بامبۇك - شاپتۇل ئارىلىقىدىكى ئۆسۈملۈك دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان.
سۆگەتگۈل يوپۇرمىقىنىڭ يۈزىدە موم ماددىسى بولىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ ھەم قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ھەم زەھەرلىك گازلار ۋە چاڭ - توزانلار يامراپ كەتكەن ناچار مۇھىتتىمۇ نورمال ياشاۋېرىدۇ. تەجرىبە قىلىنىشىچە، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئېغىر بۇلغانغان مۇھىتتا، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈللىرى تۆكۈلۈپ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدىكەن، لېكىن، سۆگەتگۈلنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى يەنىلا باراقسان بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئۆسۈۋېرىدىكەن. ئۇنىڭ چاڭ - توزان، ئىس - قۇرۇملارنى يېپىشتۇرۇۋېلىش ئىقتىدارىمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك. ھەر كۋادرات مېتىر يوپۇرماق يۈزى5 گرام چاڭ - توزانلارنى يېپىشتۈرۈپ ئالالايدۇ. شۇڭا، ئۇ «يېشىل رەڭلىك چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاۋانى سۈزۈش رولى بولغاچقا، كان، زاۋۇت رايونلىرىدا، باغچىلاردا، مەكتەپ قورۇلىرىدا، ھويلا - ئاراملاردا تىكىپ ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
سۆگەتگۈلنىڭ پۈتۈن تېنىدە ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا − سۆگەتگۈل ئالكالوئىدى بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاشارات يوقاتقۇچى دورا ياساشقا بولىدۇ. ئەگەر ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ تەرەت كۆلچىكى ياكى پاسكىنا سۇغا تاشلاپ قويغاندا، چىۋىن لىچىنكىلىرى ۋە پاشا لىنچىنكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. لېكىن، ئادەملەر ئۇقۇشماسلىقتىن يەپ سالسا، زەھەرلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئەڭ ياخشىسى تالگۈلنىڭ گۈلى، يوپۇرمىقى ۋە شاخلىرىنى تۇتماسلىق ياكى ئۈزمەسلىك كېرەك.
لېكىن، ئامېرىكىنىڭ مۇھىت كومىتېتى1989 - يىلى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، سۆگەتگۈل تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر - بازارلاردا ئۆستۈرۈش مەنئى قىلىنغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جەرىمانە قويۇپ جازالاش ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۆگەت + گۈل
بوتانىكا
سۆگەتگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى يىپسىمان تۆمۈنە شەكلىدە بولۇپ، قېلىن ھەم چىڭ كېلىدۇ، گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزىل، سەل پۇرايدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. غولى ۋە يوپۇرمىقى زەھەرلىك. تېببىي دورىگەرلىكتە، يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى دورىلار ياسىلىدۇ.