UyghurMain Dictionary
سۆكمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا دىلغا تېگىدىغان، جاندىن ئۆتىدىغان، كۆڭۈلنى بۇزىدىغان گەپلەرنى قىلماق.
« قارغىماق » نىڭ يامان تىلەك تىلەش مەنىسى بار.
« تىل سالماق »، « تىل ياغدۇرماق » ئارقا _ ئارقىدىن تىللاشنى كۆرىسىتىدۇ.
تىللاش _ داۋلى بىلمەيدىغاننىڭ داۋلىسى. ھاياتنى كايىپ، لېكىن يەنىلا ياشاپ يۈرگەن ئادەمدىن ئۇنى ئالقىشلاپ ياشىغان ئادەم ئەقىللىق ئەمەسمۇ؟ سەن ئۆزۈڭنى كايىشنى بىلسەڭ خوپ، باشقىلارنىڭ كايىشىنى ئاڭلىمايسەن كۆپ. شاراب ئىچكەندە سۆكۈپ، مەست بولغاندا سۆيۈپتۇ.قاغىنىڭ قارغىغىنى بۇلبۇلغا كار قىلماس. ھاقارەتلىگەنگە بىر تال تۈكۈم زايە بولمايدۇ. ئاھانەت قىلساڭ، ئاھانەت كۆرۈسەن. ئۇ قاراپ تۇرۇپلا تىل سالدى. تىلىڭنى تارت،تىل تەككۈزمە. ئۇ ئۇنىڭغا تىل ياغدۇردى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمەك.
ماختىماق، داڭلىماق، داملىماق، شىيلىماق، كۆككە كۆتۈرمەك
ياخشى سۆزلەر بىلەن تەرىپلىمەك.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە. ماختىغان قىز مالىخايغا چىچىپتۇ. بەزىلەرنىڭ ماختىغىنى دادلىغىنىدىن يامان. ئالدىدا ماختاپ، كەينىدە دادلاپتۇ. داملىغىلى يات يەر ياخشى. ئېشەك قۇلىقىنى داڭلار. شىيلىغانغا شىر كۆنۈك. يارىمنىڭ تىللىغىنى - چىللىغىنى. تىللاش - داۋلى بىلمەيدىغانلارنىڭ داۋلىسى. شاراب ئىچكەندە سۆكۈپ، ھاراق ئىچكەندە سۆيۈپتۇ. ماختىغاننى كەمسىت، تىللىغاننى ماختا. پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا، سېتىقچى ماختاشقا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) يىرتماق؛ (2) ئەيىبلىمەك؛ (3) ئېسىدىن كەتمەك، بىھۇش بولماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تىكىلگەن نەرسىنىڭ يىپىنى ئۈزۈپ، سۇغۇرۇپ، چېكىنى ئاجراتماق، بۆلەكلەرگە ئايرىماق، پارچە ھالەتكە كەلتۈرمەك.
چاپاننى سۆكمەك. يوتقاننى سۆكمەك.
ئۆي - ئىمارەت، جازا، ماشىنا، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى ئۆرۈپ، بۇزماق، پارچىلىماق؛ چۇۋۇماق.
ھېلىقى سۆككەن زاپچىسىنى يەنە سۆكىمەن يەنە قاچىلايمەن.... لېكىن كاشىلا تېپىلمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشقىلارنى يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلماق، تىللىماق؛ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى دوست سىردىشىشقا چۈشكەندە كىملەرنىدۇر بىرلىكتە سۆكەتتى.