UyghurMain Dictionary
سۆكە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلاققا تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمى. ئالتۇن، كۈمۈش، ۋە باشقا ئېسىل نەرسىلەردىن ياسىلىدۇ.
<سۆكە> قەشقەر شېۋىسىدە، <ئىڭڭىلىك> لوپنۇر دىئالېكتىدا، <يىگىنە> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئىنەك سېتىپ ھالقا ئالغان ئەخمەق. زەردىن زىرە تاقىغۇچە، ئىشلەپ زەر تاپ. سىرغا سىرىلغا چۈشمەيدۇ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ئاياللار قۇلىقىغا ئاسىدىغان ھالقىنىڭ بىر خىلى. مەسىلەن: سۆكە _ مۇنچاق تاقىغان خېنىملار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەر سۆكە ئولتۇردى _ ئادەم چۆكۈپ ئولتۇردى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەرەن ئىزىپ سۆكە تۇردى
باشى بوينىن سۆكە تۇردى
ئۇفۇت بولۇپ بۆكە تۇردى
ئۇزۇ قاما تىپەن تىغدى
ئادەملەرنى ئەۋەتىپ تېز چۆكتۈردى،
باش، بوينىنى سوقۇپ تۇردى،
ئۇيىلىشىپ مۆكۈپ تۇردى،
مېنى قوغلىما دەپ بويۇن ئەگدى.
يېڭىلگەن ئادەمنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: ئۇ ماڭا بىر قانچە ئادەملەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار يېنىمدا تېز چۆكۈپ ئولتۇرۇشتى، ئۇ (قەۋمنىڭ باشلىقىنى دېمەكچى) قىلمىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ باش كۆزىنى كاچاتلىغىلى تۇردى، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، كىشىلەردىن ئۇيىلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى، ئۇ ماڭا كېلىپ مېنىڭ قىلمىشىمنى سۈرۈشتۈرمىسەڭ، دەپ يالۋۇردى، مەن ماقۇل بولدۇم.
3 - 318
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا ئاسىدىغان، مەرۋايىت ياكى ياقۇتتىن كۆز قۇيۇلغان بىر خىل ھالقا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. سۇپا.