UyghurMain Dictionary
سودا سېتىق پۈتۈمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«سودا - سېتىق پۈتۈمى»بۇ پۈتۈم تاۋار سودىسى، مالغا مال ئالماشتۇرۇش سودىسى، مال - مۈلۈك سودىسى، قۇل ئېلىش - سېتىش، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ھەربىرىدە مۇستەقىل پۈتۈن ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ ئەسلىي قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ سودا - سېتىق ئادىتى بولۇپ، كېيىن ئىسلام سودا - سېتىق ئەھكامىدا ئاساسىي پرىنسىپ قىلىپ بەلگىلەندى. لېكىن ئەمەلىيەتتە خېلى جانلىق قوللىنىلدى. <... ئاللا سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى. جازانىنى (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە، جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى...> (<قۇرئان كەرىم> دىكى 2 - سۈرىنىڭ 275 - ئايىتىدىن) نى ئاساس قىلدى. باھانى ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئورنىغا باشقا نەرسىنى دەسسەتكىلى بولمايدىغان بۇيۇم (تاۋار) سودا - سېتىق قىلىنىدۇ. لېكىن، باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئورنىغا باشقا بۇيۇمنى دەسسەتلىكى بولمايدىغان بۇيۇملار سودا - سېتىقنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ پرىنسىپلىرى بولىدۇ. بۇ پرىنسىپلار سودىدا ئادىل بولۇش، پۈتۈمنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ياخشى مال ئورنىغا ناچار مال بېرىشنى، ھايانكەشلىكنى، زورلاپ سېتىش، زورلاپ سېتىۋېلىشنى، قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىشنى، شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىشنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.