UyghurMain Dictionary
سودا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تىجارەت، ئالسات.
سودا - سېتىق. * سودا - سانائەت. * سودىلاشماق.* سودا ساقال سىيپىغۇچە (ماقال). * سودا بازىرى. * سودا خىزمىتى. * سودا ئىدارىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىر خىل ئېچىتقۇ.
پىرەنىك خېمىرىغا سودا سالماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاۋار ئالماشتۇرۇش، ئېلىش - سېتىشقا باغلىق مۇئامىلە.
دەسلەپكى سودىدىن يانما. سودا ساقال سىيپىغۇچە. سودىدا دوست يوق. تىجارەتنىڭ يېرىمى يالغانچىلىق. قازىئاخۇنۇم ئوقەتنىڭ كويىدا، قۇشناچىم پەردازنىڭ كويىدا. سودا - سېتىق پۇلدىن باشقىنى تونۇماس. ئالسات ئامانەتنى بىلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنگلىزچە<لاتىنچە
خىمىيە
ئانئورگانىك بىرىكمە. تەركىبى ناترىي كاربونات (Na2CO3). ئاق رەڭلىك پاراشوك ياكى دانىچە ھالىتىدە بولۇپ، سۇدىكى ئېرىتمىسى كۈچلۈك بولۇشتەك ئاساسىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئادەتتە ئەينەكچىلىك، قەغەزچىلىك، سوپۇن ۋە كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، توقۇمىچىلىق ھەم كۆن - خۇرۇم سانائىتى قاتارلىقلارغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق سۇنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
سېتىش - سېتىۋېلىش شەكلىدە تاۋار ئالماشتۇرۇلىدىغان ئىقتىسادىي پائالىيەت، ئالدى - ساتتى، سودا - سېتىق، تىجارەت.
سودا ئىشلىرى.
ئالدى - ساتتى مۇئامىلىسىدە، مالنىڭ نەرخى ھەققىدىكى تالاش - تارتىش.