UyghurMain Dictionary
سىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈمۈش، تەڭگە؛ مېتال يىپ، ئېلېكتىر سىمى، تار. چالغۇنىڭ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈمۈش، تەڭگە؛ مېتال يىپ، ئېلېكتر سىمى؛ تار (چالغۇنىڭ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تەۋرىتىشتىن ئاۋاز چىقىرىدىغان يىپى. ئىشلىتىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى ھەرخىل.
دۇتارنى چالالاملا، تارىنى باسالاملا، مەندەك بىر مۇساپىرنىڭ كۆڭلىنى ئالالاملا. ئىسكىرىپكىنىڭ سىمى ئۈزۈلدى، مۇزىكا چېلىش توختىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سىم سىمراق _ بىر خىل تاماق. باش پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرىلىپ، دورا _ دەرمەك ئارىلاشتۇرۇپ بىر قاچىغا سېلىنىدۇ ۋە ئۈستىگە ئاچچىق قېتىق قويۇلۇپ، سىڭىشكەندىن كېيىن يېيىلىدۇ.
چىگىلچە.
3 - 187
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
يامغۇرنىڭ تامچىلاپ، سۇس، ئاستا چۈشۈش ھالىتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇزۇن يىپ ياكى چىۋىق شەكلىدىكى مېتال مەھسۇلات.
پولات سىم. توم سىم.
سىم تور. سىم تورساق. سىم ئارغامچا. سىم كارىۋات.
<فىز> ئېلېكتر ياكى تېلېفون لىنىيىسىگە تارتىلىدىغان ئۆتكۈزگۈچ.
ئېلېكتر سىمى.
<مۇز> مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ مېتالدىن ئىشلەنگەن تارىسى، مېتال تار.
تەمبۈر سىمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
كۆمۈش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۈمۈش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پاسىل، چېگرا