UyghurMain Dictionary
سىلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىگە قولنى تەگكۈزۈپ، ئۇ ياق - بۇ ياققا يېنىك يۆتكىمەك.
بوۋاقنىڭ يۈز - كۆزىنى سىلىماق ياخشى ئەمەس. مۈشۈكنى سىيپىساڭ، سىيپىغاننى بىلىدۇ. قاراڭغۇدا ئىشىكنى سىلاپ - سىيپاپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قولىنىڭ ئالىقىنىنى، بوش، يۇمشاق تەگكۈزۈپ ئۇيان - بۇيان ھەرىكەتلەندۈرمەك.
مەن ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىنى سىلايتتىم.
سىيپىلاپ، تېگىپ ئۆتمەك (شامال قاتارلىقلار ھەققىدە).
قار ئۇچقۇنلىرى شەۋكەتنىڭ بويۇن - يۈزلىرىنى يۇمشاققىنا سىلايتتى.
كۆچمە. ياخشىلىق قىلماق، كۆيۈنۈپ غەمخورلۇق قىلماق، مېھرىبانلىق كۆرسەتمەك.
يامان كىشى سىلىغاننى بىلمەس (ماقال).