UyghurMain Dictionary
سىلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچقانداق غىدىرى يوق، تەپتەكشى، يۇمشاق؛ قوپال ئەمەس.
تېۋىپنىڭ قولى قانچە سىلىق بولسا، داۋاسى شۇنچە شىپالىق بولىدۇ. سىپتا توقۇلغان ماتادىن تىكىلگەن كۆڭلەك شايىدىن تىكىلگەندىنمۇ چىرايلىق بولىدۇ. نەپىس سەنئەت. بۇ كىيىم تولىمۇ نەپىس تىكىلىپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈپتۈز، غىدىرى يوق، تەپتەكشى.
قوپال ، يىرىك، غۇدۇدۆڭ
تۈز، تەكشى ئەمەس.
تېۋىپنىڭ قولى قانچە سىلىق بولسا، داۋاسى شۇنچە شىپالىق بولىدۇ. سىلىق سۆز تاشنى يارار. يىلاننىڭ تېشى سىلىق، ئىچى زەھەر. قولى سىپتىنىڭ ئىشى سىپتا. نەپىس ئىشلەنگەن ئىش ھۈنەرۋەننىڭ داڭقىنى ئاشۇرىدۇ. قوپال ئادەم قوپال ئىش قىلىدۇ. دوستۇڭدىن ئايرىلغۇڭ كەلمىسە، قوپال چاقچىقىڭنى قوي. يىرىك توقۇلغان ماتادىن سىپتا كۆڭلەك چىقماس. غۇدۇدۆڭ ئىشلەنگەن نەپىس ھېسابلانماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھېچقانداق ئەگرى - بۈگرىسى، ئوي - دۆڭى يوق، تەپ - تەكشى.
يىلاننىڭ تېشى سىلىق، ئىچى زەھەر (ماقال).
تراكتور سىلىق يولغا چىققاندىن كېيىن، شوپۇر يىگىت رابىخانغا قاراپ كۈلدى ۋە سورىدى: - نەگە بارىدىلا؟
سۈپ. يۈزى ئادەم ياكى نەرسىلەر تېيىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە تەكشى، تېيىلغان.
سىلىق مۇز.
سۈپ. كۆچمە. گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكىتى جايىدا، قوپال ئەمەس، ئەدەپ - ئەخلاقلىق، يېقىشلىق، مۇلايىم.
ئەجەبمۇ سىلىق، ئەدەپلىك بالا بوپسەن.
رەۋ. كۆچمە. چايقالماي، سىلكىنمەي، تەكشى بىر خىل رېتىمدا.
جىپ ماشىنا سېمونت يولدا سىلىق ماڭماقتا.
سۈپ. كۆچمە. ناھايىتى چىرايلىق ھەم يارىشىملىق، سىغىشلىق؛ پىششىق ھەم كۆركەم.
- مۇشۇنى ئالسىلا، - دېدى ئۇ مەسلىھەت بېرىپ، - خۇرۇمى ياخشى، تىكىلىشى سىلىق ئىكەن.
رەۋ. راۋان، توسالغۇسىز، ئۇرۇنماي.
خورما يۇمشاق ھەم تاتلىق بولغاچقا، گالدىن بەكمۇ سىلىق ئۆتىدىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سىلىق، پاكىز، زېرەك، يېقىملىق. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم .