UyghurMain Dictionary
سىلى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككىنچى شەخس كىشىلىك ئالمىشى. پەقەت كىشىلەرنىڭلا ئالمىشى بولۇپ كېلىدۇ.
«سىز» ئەسلىدە «سەن» نىڭ كۆپلۈكى ئىدى. (مەن _ بىزگە ئوخشاش). ھازىر كۆپلۈك كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ، بىرلىكنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئومۇمىي ۋە ئورتىچە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. لېكىن جايلار ئارا پەرق
مەن سېنى «سەن» دەپ چاقىرىمەن، شۇنداق چاقىرىشنى ياخشى كۆرىمەن. سۆيىمەن قەۋەتلە قەۋەت، ئەمما دېسەڭمۇ سەن مېنى «سىز». پۇل تاپارغا سەن تۇر، يەپ ياتارغا مەن تۇراي. ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بۈگۈن بارەي. سىلىگە بىر باغاق كەپتۇ، _ دېدى خوتۇنى ئېرىغا. ئۆزلە يېقىندىن بۇيان كۆرۈنمەيلىغۇ. سىلىرى تۇرۇپ تۇرسىلا، دادامنى قىچقىراي. ئۆزلىرى قاچان كەللە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
كىشىلىك ئالماش Ⅱ شەخس بىرلىك شەكلىنىڭ سىپايە تۈرى.
- قىزىق ئىكەنلا، - دەپتۇ خوتۇنى، - سىلى مېنى ئالغىلى ئۈچ ئاي بولدى، مەن سىلىگە تەگكىلىچۇ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گۋىنىيەنىڭ پۇل بىرلىكى.